نەچچە ئونمىڭ نازارەتچى ئۈرۈمچى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىدا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى بارلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيىلىرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر بىر ئاپتوبۇس ھەم ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە مەخسۇس تەكشۈرگۈچى خادىملار قويۇلغان، ئۇلار ھەتتا ھەر بىر بېكەتتە ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

0:00 / 0:00

دائىرىلەر بۇنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەر ئۆتىشى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

ھەر قانداق يولۇچىنىڭ سومكىسى ئېچىپ تەكشۈرۈلىدۇ

خىتاي تور بەتلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە،ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تېنىچ ئامان ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ 129 ئاپتوبۇس لىنىيىسىدىكى قاتناۋاتقان بارلىق ئاپتوبۇسلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەن.

ئاپتوبۇسلارغا ھەم بارلىق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە قويۇلغان، بىلىكىگە قىزىل بەلگە تاقىۋالغان بىخەتەرلىك خادىملىرى، ئاپتوبۇس ئىچىدە گۇمانلىق بويۇم ياكى ھەرىكەتلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپلا قالماي،ھەر بىر يولۇچى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە چىقىدىغان بارلىق چوڭ ‏ - كىچىك گېزىتلەردىمۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا " ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماقچى بولغان يولۇچىلار، بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك، ئەگەردە يولۇچى تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا، ئاپتوبۇسقا چىقىرىلمايدۇ " دەپ يېزىلغان.

بىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن نېمە سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدە بۇنداق بىر جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىش زۆرۈرىيىتى كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ئىشخانىسىدىكى بىر خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان مەركەزنىڭ مەخسۇس ھۆججىتىگە ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى 129 قاتناش لىنىيىسىدىكى تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا شوپۇردىن باشقا بىر نەپەردىن كۆزەتچى خادىم قويۇلغان ۋە يەنە ھەر بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە بىر نەپەردىن بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پەقەت ئاپتوبۇسلارغا قويغان نازارەتچىلەرلا تۆت مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، يولۇچىلار ئاپتوبۇسقا چىقىش ئالدىدا، ئاپتوبۇس ئىچىدىمۇ نازارەتچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىكەن.

ئۇ " ھەر قانداق يولۇچى سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشىمىزگە يول قويۇشى كېرەك، بولمىسا ئاپتوبۇسقا چىققۇزمايمىز. بۇ ھەقتە يۇقىرىنىڭ ھۆججىتى بار " دېدى.

بۇ خادىمدىن ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوبۇسلاردا ھازىرغا قەدەر بىرەر گۇمانلىق ۋەقە ياكى نەرسىنىڭ بايقالغان ‏ - بايقالمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ " بۇ تەدبىر يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە بىرەر نەرسە بايقالمىدى لېكىن ئون يىل ئاۋال شەرقىي تۈركىستانچىلار ئاپتوبۇس پارتلاتقان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىنى بىلمەيمەن " دېدى. ئۇ يەنە، بۇقەدەر قاتتىق ھەم جىددىي تەدبىرنىڭ ئېلىنىشى پۇقرالارنى نارازى قىلمىدىمۇ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، " ياق ئاممىمۇ ماسلىشىۋاتىدۇ، ھەممە يەردە ئولىمپىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن يۇقىرىدىن چۈشكەن سىياسىي ۋەزىپە، ئىجرا قىلماي بولمايدۇ،قاچان بۇ تەدبىرنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز، تېخى ھۆججەت چۈشمىدى" دەپ جاۋاب بەردى.

شەھەر ئاممىسىدا نارازىلىق تۇغۇلماقتا

بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق قاتناش لىنىيىلىرىدىكى - 1 ۋە 101 يول قاتارلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ باشقۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ئاپتوبۇسلاردا بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ " بۇ قاتناش ‏ - ترانسىپورت شىركىتىنىڭ ئالتىنچى تارماق شىركىتى، بىزدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئاپتوبۇس بار، ھەر بىر ئاپتوبۇس ھەم ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ئامانلىق خادىملىرىنى قويۇش ئۈچۈن شىركىتىمىز ھەتتا دەم ئېلىشقا چىققانلارنىمۇ يىغىپ ئەكەلدۇق، يەنە جەمئىيەتتىنمۇ ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلدۇق، ۋەزىپىمىز ئېغىر بولسىمۇ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي بولمايدۇ دېدى.

بۇنداق جىددىي تەدبىرنىڭ ئېلىنىشى ئۈرۈمچىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىدىنمۇ دېگىنىمىزدە، ئۇ، " ئۈرۈمچى بىخەتەر، شۇنداق تېنچ، گەرچە بۇنداق قاتتىق تەدبىر ئېلىش زۆرۈر بولمىسىمۇ، يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىنى ئىجرا قىلماي بولمايدۇ،" دېدى.

بىز يەنە ئۇنىڭدىن ھەر بىر بېكەتتە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرسەڭلار، ئاممىدا نارازىلىق پەيدا بولمىدىمۇ دەپ سورىدۇق.

ئۇ، " ئەلۋەتتە نارازىلىق پەيدا بولىدۇ، قوللايدىغانلارمۇ بار، نارازى بولىدىغانلارمۇ، قارشى تۇرىدىغانلارمۇ جىق، چۈنكى يولۇچىلار بىر كۈندە قانچە قېتىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان بولسا، شۇنچە قېتىم سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نارازى بولىدىغانلار بار، بەزىلەر قىممەتلىك شەخسى بۇيۇملىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشىنى خالىمايدۇ ئەمەسمۇ " دېدى.

ئۇ يەنە تۈنۈگۈن بىر يولۇچىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە نارازى بولۇپ تەكشۈرگۈچىنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ تەكشۈرگۈچى خادىم قاتناش ‏ - ترانسپورت مەكتىپىنىڭ بىر خىتاي ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن بۇ خادىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 ئاساسلىق ئايرودروملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

خىتاي ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان باسقۇچتا يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان شاڭخەي، كۈنمىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ خىتاي دائىرىلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ، پۈتۈن خىتايدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كۈزدە تۇتقان ھالدا ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ تېخى بارلىق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇچى يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشتەك ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل جىددىي تەدبىرلەر ئېلىنمىغان ئىدى.