خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىدى

خىتاي ساقچىلار سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ شامالباغ مەھەللىسىدىكى بىر قورودا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قورودىكى بىر بىنا ئۆيدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن 5 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان.

0:00 / 0:00

دائىرىلەر يەنە 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دائىرىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغان ياشلارنى"جىھادچىلار" دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى كىشىلەردە چوڭقۇر شۈبھە قوزغىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8 ‏- ئاۋغۇست كۈنى يەنى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قوروسىدا يۈز بەرگەن شۇنداقلا 5 كىشىنىڭ ئېتىپ تاشلانغان، 2 كىشىنىڭ يارىلانغان، 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ۋەقە، شامالباغ مەھەللىسىنىڭ "چېنگۇاڭ باغچىسى" قوروسىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ 3 ‏- ئىشىكىدىكى بىر ئۆيدە سادىر بولغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندە 15 نەپەر ئۇيغۇر قىز - يىگىت "چىنگۇاڭ باغچىسى" قوروسىدىكى مەزكۇر بىنا ئۆيدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 5 نەپىرى قىز، 10 نەپىرى ئوغۇللار ئىدى. دائىرىلەر مەتبۇئات ساھەسىنى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ياكى قولغا ئېلىنغان بۇ 15 نەپەر ياشنىڭ ئىسمى، يۇرتى، كەسپىي ۋە "چېنگۇاڭ باغچىسى"دىكى بىنا ئۆيگە يىغىلىش مەقسىتى توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەن. ساقچىلار بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلماقتا. بىز ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ياكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن سۇئالىمىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدىغان بىرەر ساقچى خادىمى چىقمىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى نەنگۈەن ساقچىخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلى " بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىنمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇچۇر ئېلىشقا توغرا كەلسە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى". بىز يەنە سەيشەنبە كۈنكى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە يېتەكچىلىك قىلغان ج خ كادىرلىرىنىڭ بىرى، چاڭجاڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى زەيدىنگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەي تېلېفونىنى تاقىۋەتتى. ئەمما سايباغ رايونىدىكى بىر ج خ كادىرى بولسا ۋەقەنىڭ "تېررورلۇق "بىلەن ئالاقىدار ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە بەرگەن ئىزاھاتى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى ئارىسىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بۇ 15 نەپەر ياشنى مەلۇم بىر "غازاتچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسى"غا ئەزا كىشىلەر، دەپ قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ساقچىلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ "چېنگۇاڭ باغچىسى"دىكى بىنا ئۆيگە يىغىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغا ئاساسەن بىنانى قورشاپ، ئۆي ئىچىدىكىلەرنى ئىشىكنى ئېچىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، لېكىن گۇماندارلارنىڭ ئىشىكنى ئېچىشنى رەت قىلىپ، ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۆي ئىچىگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلىغانلىقىنى، قىڭغىراق كۆتەرگەن گۇماندارلارنىڭ ساقچىلارغا ئېتىلغانلىقىنى، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ساقچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى يازدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ياشلارنى " غازاتچىلار" دەپ ئەيىبلىگەن خەۋىرىدە، ياشلارنىڭ " ئاللاھۇ ئەكبەر " دەپ توۋلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قولىدا گرانات، تاپانچىغا ئوخشاش قورالنىڭ يوقلۇقىنى، لېكىن ساقچىلارغا قىڭغىراق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن "چېنگۇاڭ باغچىسى" دىكى بىنالارنىڭ بىرىدە ئولتۇرىدىغان خىتاي ئاھالىسى رادىئومىزغا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" ئۇلار بىزنىڭ قورودىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان ئىكەن. تۈنۈگۈن بايقىلىپ قاپتۇ. ئالاھىدە ساقچىلار، ج خ دائىرىلىرى ئۇلارغا ئوق چىقىرىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇلار ساقچىلاردىن بىرىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇپتۇ. ساقچىلار ئۇلارنى ئوققا تۇتۇپتۇ. قارىغاندا 5 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا پەقەت پىچاقلا بار ئىكەن. ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى تىنچ..... جەمئىيەت ئەھۋالى نورمال كېتىۋاتىدۇ. تېررورچى، دەيدۇ، تېررورچى دېگەن ھەممە يەردە بار، بېيجىڭدىمۇ بار. ئولىمپىك يېقىندا باشلانماقچى، شۇڭا ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ".....

يۇقىرىقى شەھەر ئاھالىسى يەنە ۋەقەدە "ساقچىلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش بولمىدى. ئۇلار بىنادىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ساقچىلار خېلى بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن بولسا كېرەك. ساقچىلار سەيشەنبە كۈنى ئۇلارنى تۇتماقچى بولۇپ كەلگەن. لېكىن ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەندىن كېيىن باستۇرۇپ كىرىپتۇ. ئۆيگە ئالدىدا باستۇرۇپ كىرگىنىگە پىچاق سېلىۋەتكەن ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۆيدىكىلەرنى ئوققا تۇتقان بولۇپ، 5 ئادەم ئېتىپ تاشلانغان. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاياللار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ياشلار " دەپ كۆرسەتتى.

ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ياشلار ياكى يارىدارلار ئارىسىدا قىزلارنىڭ بار ‏- يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن دائىرىلەر ۋەقەدە يارىلانغان ئىككى گۇماندارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يارىدارلارنىڭ جىنسىنى تىلغا ئالمىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلار بولسا سەيشەنبە كۈنى ئوق يىگەن بىرەر يارىدارنى داۋالاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شامالباغدىكى ئوپېراتسىيىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا گۇمان پەيدا قىلماي قالمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى بولسا "زىيادە كۈچ ئىشلىتىشكە" كىرىدىغانلىقى، بۇ ۋەقە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى "قىپيالىڭاچ" يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، چۈنكى خىتاي قانۇنىنىڭ ئادالىتىدە گۇمان بارلىقىنى، ۋەقەنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا ئەرزى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر بۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە 5 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چاڭجاڭ يولىدىكى بىر گۈزەللىك سالۇنىغا كىرىپ، سالۇنىنىڭ خوجايىنىنى زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان كىشىلەر بارلىقىنى، ئەينى چاغدا خوجايىننى يارىلاندۇرغۇچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن گۈزەللىك سالۇنىنىڭ ئىسمى، بۇ ياشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن گۈزەللىك سالۇنىدا ۋەقە تۇغدۇرغانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

دىندار ياشلارنىڭ گۈزەللىك سالۇنىغا كىرمەيدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلارنىڭ گۈزەللىك سالۇنىغا كىرگەنلىكى راست بولسا، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى ئەخلاقىي مەسىلىلەردە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، "چۈنكى ئۈرۈمچىدە گۈزەللىك سالۇنى، دەپ ئىسىم قويۇۋالغان نۇرغۇن جايلار ئۇيغۇر قىزلارنى مەجبۇرىي پاھىشىلىككە سالىدىغان بەزمىخانىلاردۇر " دەيدۇ. ئۈرۈمچىدىكى بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى"شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"نىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سېلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينى بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشنىڭ باھانە ‏- سەۋەبى قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. "چېنگۇاڭ باغچىسى"دىكى ۋەقە چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ياپونىيىدە كۆرۈشۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا يۈز بەردى.