ئۈرۈمچىدە كىملىكىڭىز بولمىسا تاكسىغا چىقالمايسىز

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش ھارپىسىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. يېقىندا قەشقەر ھەمدە كۇچالاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئامانلىق ساقلاش دائىرىلىرى بارلىق ئاممىۋى سورۇن ھەمدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا سومكا ئېچىپ تەكشۈرۈشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىلدىكى ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىگە تاكسىغا چىققۇچىلارنىڭمۇ كىملىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى تۈرنى قوشقان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى كۆزنىكى تورىنىڭ شەھەر قاتناش ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈرۈمچىدە - 15 ئاۋغۇستتىن باشلاپ تاكسىغا چىققۇچىلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى بىر بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە بۇ خىل ئامانلىق ساقلاش تەدبىرىنى ئولىمپىك ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، ‏17 ‏ - سېنتەبىر مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقىچە داۋام قىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تېنىچ ئامان ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايرۇدۇرۇملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەتكەندىن باشقا، ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ 129 ئاپتوبۇس لىنىيىسىدىكى قاتناۋاتقان تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا شوپۇردىن باشقا بىر نەپەردىن كۆزەتچى خادىم قويغان ۋە يەنە ھەر بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە بىردىن ئىككىگىچە بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار ئىچىدە، بېكەتلەردە، ھەر بىر يولۇچىنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارماقتا، شۇنداقلا ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئاممىنىڭ سومكا ھەمدە يانلىرىنى ئاختۇرۇشنى يولغا قويدى، - 4 ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ژاندارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئۈرۈمچىدىكى بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىدىغان بارلىق چوڭ ‏ - كىچىك ئاپتوموبىللار قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە. ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ خىل ئامانلىق ساقلاش تەدبىرى بېجىرىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنىمۇ تولۇق قوراللاندۇرغان.

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، قەشقەر ھەم كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق ئىدارە ‏ - ئورگان ھەر ‏ - بىر مەھەللە كومىتېت، كوچىلاردىمۇ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كۆزەت قىلماقتا.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىلدىكى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىچىگە تاكسىغا چىققۇچىلارنىڭمۇ كىملىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بىر يېڭى تۈرنى ئولىمپىك ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا يولغا قويۇش سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي كادىر بۇ تەدبىرنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى:

ئۇنىڭدىن مەزكۈر تەدبىرنىڭ ئولىمپىك ئاخىرلىشاي دېگەندە يولغا قويۇلۇشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بارلىقى، بۇ تەدبىرنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر تۇتاش ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار ‏ - يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ سوئالىمىزغا بىۋاستە جاۋاب بەرمەي " بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، تاكسىغا چىققانلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش پۈتۈن جۇڭگودا ئوخشاش يولغا قويۇلۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرى " دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن ئەگەردە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تاكسىغا چىقماقچى بولسا قانداق قىلىدۇ ؟ پاسپورتى تەكشۈرۈلەمدۇ ؟ دەپ سورىدۇق، ئۇ جاۋابەن، " مېھمانخانىغا چۈشۈش ئۈچۈنمۇ كىملىك، پاسپورتلارنى ئېلىپ يۈرۈش كېرەكقۇ، ئوخشاش تاكسىغا چىققاندىمۇ ئېلىۋالسا بولىدىغۇ ؟ " دېدى. ئۇ يەنە، بۇ تەدبىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.