ئۈرۈمچىدە مۇقىملىقنى قوغداش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى، جەسەتلەرمۇ نازارەت ئاستىدا

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسىمۇ يۈكسەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ج خ تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، "ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇقىملىقنى قوغداش" نامىدا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىغان.

0:00 / 0:00

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەرىكەت 6 ‏- ئاينىڭ 20 - كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 7 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىدىن قارىغاندا، سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كوچا چارلاشنىڭ تېخىمۇ سىجىللاشقانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە زاراتكارلىقلارنىڭمۇ تەكشۈرۈشتىن خالىي ئەمەسلىكى مەلۇم.

بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىكتە ئوي ئىجارىگە بەرگۈچىلەردىن ئىجارىگە بېرىدىغان ئويىنى ئاۋۋال ساقچىغا مەلۇم قىلىش، سالاھىيەت كىنىشكىسى بولمىغان كىشىلەرگە ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك، گۇمانلىق كىشىلەرنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە ئەگەر ئۆيلەرنىڭ ساقچىغا تىزىملىتىلماي ئىجارىگە بېرىلگەنلىكى بايقالسا، ئايلىق ئىجارە ھەققىگە 5 ھەسسە باراۋەر جەرىمانە قويۇلۇدىغانلىقى بېكتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كوچا چارلاش ئىشلىرى ئاساسلىق ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مەھەللىلىرىگە قوشنا مەھەللىلەردە داۋام قىلماقتا.

شەھەر ئاھالىلىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بەزى مەھەللىلەردە، ھەر بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا، شۇ بىنادىن بىر كىشىنى بىنا باشلىقى قىلىپ بېكىتكەن. بىنا باشلىقى شۇ بىنادىكى بارلىق ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە كىرىپ - چىقىۋاتقانلار ھەققىدە ساقچىغا مەلۇمات بېرىشكە مەسئۇل قىلىنغان. يەنە شۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىنا باشلىقىنىڭ بۇ ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالىدىغان - ئالمايدىغانلىقى ۋە ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياكى مەجبۇرلانغان ھالدا قىلىۋاتقانلىقى، پەقەت ساقچىلار بىلەن شۇ كىشى ئارىسىدىلا مەلۇم بولغان بىر سىرلىق نۇقتا.

باياناتچى دىلشات رىشىتنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئارىسىدا، زەرەتگاھلىقلارنى نازارەت قىلىش مۇھىم تەدبىرلەردىن بىرى بولغان؛ تەڭرىتاغ تورى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 1000 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ، تولۇقلىما كۈچ سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەرەتگاھلىقلارنى نازارەت قىلىش، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا كۈچەيگەن. تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، 5 ‏- ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن قورغاس ناھىيىسىدىكى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ جەسىتى مازارلىقتا 40 نەچچە كۈن نازارەت قىلىنغان. يەنە بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەرەتگاھلىقلارنى نازارەت قىلىش ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسى يىلدىن ‏- يىلغا كېڭەيمەكتە. يەنى مەكتەپلەردىن مەسچىتلەرگە، مەسچىتلەردىن قەبرىستانلىققا قاراپ كېڭەيمەكتە. ئەمما مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە نەتىجە ئەكسىچە يۆلۈنۈشتە ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ نۇقتىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى 2008 ‏- يىلى 4 ‏- ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئېتىراپ قىلغان. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە، مۇمكىنچىلىكى بولغان پۈتۈن تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ، ۋەقە چىقىشتىن ساقلىنالمىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە يەنە قانداق تەدبىر قوللىنىشتا بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.