ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوڭ نامايىشى پىلانلانغان

ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم ياشلار ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا تەشكىللەش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

تەشكىللىگۈچى پائالىيەتچىلەردىن بىرى مىرادىل ياسىن يەنە بىرى مۇتەللىپ تىيىپ بولۇپ، ئۇلار 20 ‏ - دېكابىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىۋاتقاندا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىنغان، ۋە ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ۋەقەنى پاش قىلغان ئامانلىق خادىملىرىدىن ئىليار ئابلىمىت، نىيازمۇھەممەت ئىمام ۋە ۋاڭبىڭلار 5 مىڭ يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغان.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نامايىشقا چاقىرغان تەشۋىقات ۋارىقى شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىكى 1 ‏ - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تىبابەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ تارقىتىلغان.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە سارىيى ئەتراپىغا توپلىنىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ نامايىش قىلىشى پىلانلانغان، ئەمما نامايىشىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن نامايىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان.

"ئۇيغۇر بىز" توربېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ، بىر قېتىملىق نامايىشنىڭ توسۇپ قېلىنىشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن 4 كىشىگە مۇكاپات بەرگەن.

يىغىنغا، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى ۋە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلىرى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. ئۇنىۋېرسىتېت پارتىكوم سېكرېتارى جاڭ شينلياڭنىڭ مۇكاپاتلاش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ توسۇپ قېلىنغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتىكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئالاھىدە رازىمەنلىك بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، قولغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. نامايىشنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىدا نېمىلەر دېيىلگەنلىكى، نامايىشتا قايسى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى ئىكەنلىكى، ۋەقەگە چېتىشلىق جەمئىي قانچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار، دائىرىلەر تەرىپىدىن سىر تۇتۇلماقتا.

"ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردىن مىرادىل ياسىن 20 ياش بولۇپ، يۇرتى قەشقەر شەھىرىدىن؛ مۇتەللىپ تېيىپ بولسا 19 ياش بولۇپ، پىچان ناھىيىسىدىن؛ ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

"ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈرۈمچىگە باغلىق، ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا باغلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇقىملىقى بولسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە باغلىق،" دەپ قارالماقتا.

بۇنداق قارىلىشقا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەلىم ئالغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك سالماقتا بولۇشى سەۋەپ بولغان.