ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇس پارتلاش -- خىتاي ۋەقەنى داۋاملىق ئىنكار قىلماقتا
2008.03.25

يېڭى زېلاندىيىدە چىقىدىغان Shoudou huawen baw ناملىق گېزىت، تۈنۈگۈن يەنى 24 - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە ئارقا - ئارقىدىن 4 جايدا ئاپتوبۇس پارتلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئىدارىسى بۈگۈن يەنى 25 - مارت كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مەزكۇر خەۋەرنى يالغان دەپ ئىنكار قىلغان ۋە ئۇيغۇر رايوندا جەمئىيەت مۇقىملىقىدا مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە مېھمانخانا ۋە ئائىلىلىكلەرگە تېلېفون ئېچىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۇلار ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بەزى كىشىلەر بىرقانچە ئاپتوبۇس پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى
يېڭى زېلاندىيىدىكى گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24 - مارت كۈنى كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى 910 - يول، 17 - يول ۋە 2 - يول ئاپتوبۇسلىرىدا، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىناسىنىڭ ئەتراپىدا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بوشۇن تورى بۈگۈنكى خەۋىرىدىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4 ئورۇندا ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزدە، ئىككى كىشى، پارتلىغان ئاپتوبۇسنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرسى بولسا، بىرقانچە ئاپتوبۇس پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ج خ نازارىتى باياناتىدا، ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق جەمئىيەت ۋەزىيىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قانچە مېھمانخانىغا ساياھەتچى سۈپىتىدە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
بىز ئۇلارغا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبلىك مېھمانخانىغا بىلەت ئېلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلدۈرگىنىمىزدە، مېھمانخانا خىزمەتچىسى ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى: ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى ئۇلارنىڭ مېھمانخانىسىدىن 10 مىنۇتلۇق مۇساپىدا يەنى نەنمېن يولىدا يۈز بەرگەن. يەنە بىر مېھمانخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاش 17 - يولدا يۈز بەرگەن.
ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلغان
بوشۈن تورى ۋەقەگە ئالاقىدار بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم جايلاردا، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ئەمەلدارى، ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلغان، ئەمما تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلىش ئەھۋالىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات كونتروللۇقى سەۋەبىدىن مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئېنىق ئورۇن، ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ۋە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار ھەققىدىكى ئاساسلىق مەلۇماتلار ھېلىھەم ئېنىقسىز تۇرماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ
- خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ 'ئۇنۋان ئېلىش' دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
- " تىنچلىق بۇرچى" مانېۋىرى كىمگە قارىتىلغان؟
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ۋەقەسى تۈركىيىدە غۇلغۇلا قوزغىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىشقا باشلىدى
- چەتئەللىكلەرگە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا ئۆي چېقىش ھەرىكىتىنى يەنە باشلىدى
- ئەنقەرەدىكى تېرورلۇق ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا تاپتى، 100 دىن ئوشۇق كىشى يارىلاندى
- ئۈرۈمچى، خىتاي بۇيىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر شەھەرگە ئايلاندى
- ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر خەلقارالىق چوڭ شەھەر بولالامدۇ؟
- ئۈرۈمچى "خەلقئارالىق شەھەر" بولۇدىغانغا قانچىلىك يىراقتا









