ئۈرۈمچىدە پۇقراچە كىيىنگەن رازۋېتكا خادىملار ئىش باشلىدى

ئۈرۈمچى ساقچى دائىرلىرى يېقىندا، ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى قاتناش ئامانلىقىنى ساقلاش جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىدىكى خادىملار ئاساسىدا مەخسۇس پۇقراچە كىيىنگەن رازۋېتكا قوشۇنى قۇرۇدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارغا يەنە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى سىياسەتكە قارشى سۆز - چۆچەك ۋە ئىش - ھەرىكەتلەر ئۈستىدىن پايلاقچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭمۇ بېرىلگەنلىكى دەلىللەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە قوراللىق ساقچى خادىملىرىنى، چارلاش خادىملىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ بارماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە بۇ ھەقتە يېڭى تەدبىر ئالدى.

ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 15 - ئۆكتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچىدە مەخسۇس پۇقراچە كىيىنگەن رازۋېتكا ئەترىتى قۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پات يېقىندا رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئەترەت ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئەترىتى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش جامائەت خەۋپسىزلىك شۆبە ئىدارىسىدىكى خادىملار ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئەمما پۇقراچە كىيىنگەن رازۋېتكا خادىملارنىڭ سانى ئاشكارىلانمىغان.

بۇ ھەقتە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش شۆبە ئىدارىسى قارمىقىدىكى شىمالىي قوۋۇق ساقچىخانىسى،جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسى ساقچىخانىسى، يىقىلغان تاش ساقچىخانىسى، ئۈچتاش ساقچىخانىسى قاتارلىق تۆت ساقچى پونكىتىدىكى بىر قانچە ساقچىلاردىن تەشكىللىنىپ تۆت گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق رايونلاردىن تەڭرىتاغ، سايباغ، شىمىگو ۋە يېڭىشەھەر رايونلىرىدا پۇقراچە كىيىنىش ئارقىلىق خەلق ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇنىڭ ئالدىدا پۇقراچە كىيىندۈرۈپ سىناق تەرىقىسىدە كوچىغا قويۇپ بەرگەن ساقچىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىدىن، ساقچىلار پۇقراچە كىيىنگەندىن كېيىن ئادەتتىكى ئامما ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىققا ئوخشاش كۆپ يۈز بېرىدىغان كوچا جىنايەتلىرىگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكى، شۇڭا جەمئىيەت ئامانلىقى، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى رەسمىي تۇرغۇزۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گەرچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدىكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ كوچا جىنايەتچىلىرىگە زەربە بېرىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش شۆبىسىگە قاراشلىق يەنى يېڭىدىن پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان يىقىلغان تاش ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ نېمە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچىمۇ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېتكا ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى ئۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە مەخسۇس پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى قوشۇنى قۇرۇشىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە قوللىنىۋاتقان يېڭى بىر خىل باستۇرۇش ئۇسۇلى دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ليۇداۋان ساقچى ئەترىتىنىڭ سابىق ئالاھىدە ساقچىسى، ھازىر شىۋېتسارىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن نىجات ئابدۇرېھىم، ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ پۇقراچە كىيىنگەن رازۋېتكا قوشۇنى قۇرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئىلگىرى بۇ خىل ئەترەتلەرنىڭ ھەر قايسى ساقچىخانىلاردا بارلىقىنى، شۇنداقلا تەدرىجى كۆپەيتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە، ھەر قانداق ساھەگە سۇقۇنۇپ، سىڭىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ھەتتا ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردا پۇل يىغىدىغانلار ئارىسىدىمۇ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى پايلاقچىلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە خەلق ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا نىجات ئابدۇرېھىم، خىتايچە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ "بۇ يەردە مېنىڭ قانداق تىلدا سۆزلىشىم مۇھىم ئەمەس، نېمە دېمەكچى بولغىنىم مۇھىم" دېدى.

"ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ قانداق بېسىمدا، قانچىلىك ۋىجدانى ئازابتا ياشايدىغانلىقىنى ماڭا ئوخشاش شۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بىلىدۇ."

"مېنىڭچە، مەيلى پۇقراچە كىيىنسۇن، مەيلى فورما كىيسۇن 10 نىڭ ئىچىدە بىرى ئۆزى خالاپ قىلىۋاتقانلار. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان سەپداشلىرىمغا شۇنى يەتكۈزگۈم بار. ئەگەر ئەقلى بار، چوشقىدىن پەرقى بار ئىنسان بولسا، ۋىجدانى ئازابتا ياشاۋەرمەي، قورقماي ئالدىغا بىر قەدەم ئىلگىرىلەش كېرەك"!

"ئىستىپا بەر! بەلكىم بىر مەزگىل خىزمەتسىز قىلىشىڭ مۇمكىن، ئىش تاپالمىساڭ ئۆيدە ئولتۇر، ئەمما بۇ بىر مەزگىللىك، ئۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەملىككە ئېرىشىسەن، ئازابتىن قۇتۇلىسەن. مەن شۇنداق قىلدىم، بۇ يولنى توغرا تاللىدىم، ئاسان ئەمەس. ئەمما، ئۆزەمنى ھازىر ئاجايىپ ئەركىن، خاتىرجەم ھېس قىلىمەن. مەن خالىغىنىمنى سۆزلىيەلەيمەن. مەن ئازاد بولدۇم...."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.