ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە "سەرگەردانلارنى تىزىملاش خىزمىتى" نامىدىكى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە ھەتتا سەرگەردان تىلەمچىلەرنىڭ قايسى يۇرتتىن كەلگەنلىكى، ئىسىم - فامىلىسى ۋە كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلۈپ، مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قولىغا كىنىشكا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلى ئاھالىسىگە قاراتقان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتتى، بولۇپمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش، كوچا - كوچىلارغا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىش، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنى چارلاشقا سېلىشتىن سىرت، قوراللىق چارلاش ئەترەتلىرىنىڭ 24 سائەت كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلمەكتە.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنوبى ۋە شىمالىدىكى چەت يېزا، رايونلىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋەقە دەپ چۈشەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋەقەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن باشقا، شەھەر نوپۇسىغا ئىگە بولمىغان بارلىق ئۇيغۇر يېزا ئاھالىسىنى دەرھال تەكشۈرۈپ چىقىپ، قەيەردىن كەلگەن بولسا، شۇجايغا پالاش سىياسىتىنى ئىجرا قىلدى.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ 27 - ئۆكتەبىر كۈنىدە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيىلىرىدە 31 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ نوپۇس تەكشۈرگۈچى خادىملار بىردەك ھەرىكەتلىنىپ، سەرگەردانلارنى ئومۇميۈزلۈك تىزىملاش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە يەنە، تەكشۈرگۈچىلەر سەرگەردان تىلەمچىلەرنى ئۇچراتقاندا، ئىسىم - فامىلىسى، يۇرتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سوراپ تىزىملاپ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىسپاتنامە تارقىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بىز خەۋەردە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئىتتىپاق يولى ئاھالىلەر كومىتېتى، جەنۇبىي ئازادلىق يول ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا تېلېفۇن قىلدۇق. مەزكۈر ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ كېچە نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئىش ۋاقتىدا كومىتېت مەسئۇللىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىمىزنى بۇيرۇپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە سەرگەردانلارنى تىزىملاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، سەرگەردانلارنى تىزىملاشتىكى مەقسىتىنى ئىنىقلىماقچى بولدۇق، مەزكۈر ئىدارىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئېنىقلىماقچى بولغان مەسىلىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، "سىز نەنىڭ مۇخبىرى؟" دەپ سورىدى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.
بىز نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان جەنۇبىي قوۋۇق ساقچىخانىسىغا تېلېفۇن قىلدۇق، بىراق تېلېفونىمىزنى ئالغان بۇ ساقچىمۇ بىزگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
ھەقىقەتەن نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۈرۈمچى ئاھالىسى، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى تۈپەيلى كىملىكىنى ۋە ئاۋازىنى رادىئودا ئېلان قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىپ، نۆۋەتتە، ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقىنى ياقا يۇرتتىن كەلگەنلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئىدارىنىڭ مەخسۇس مەزكۈر خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا تىزىملاتقاندىن سىرت، 3 كۈندىن ئارتۇق تۇرىدىغان ئۇرۇق - تۇغقان ۋە مېھماننىڭ شۇ رايونلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىملىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ، ئەگەر تىزىمغا ئالدۇرماي ۋەقە سادىر بولۇپ قالسا، سادىر بولغان ۋەقەنىڭ ئېغىر - يىنىكلىكىگە قاراپ ئىقتىسادىي جازاغا، ھەتتا قاماق جازاسىغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى غەيرەت ھاجىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىشسىزلاردىن تەركىپ تاپقان، يېزا نوپۇسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "سەرگەردانلارنى تىزىملاش خىزمىتى"نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسىنى تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتكە نارازى بولغان ئاۋامنى شەھەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، شەھەر نوپۇسىنى بولسا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.