بۇ ھەرىكەت ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ 20 - ئۆكتەبىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگە قەدەر ئىككى ئاي داۋام قىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى قانۇنچىلىق تورىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئىككى ئاي مەزگىلىدە ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، جىددىي ھالدا جەمئىيەتتىكى مۇلازىمەت ساھەسى ۋە مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلار جەمئىيەتنى ھەر قاتلاملار بويىچە مەركەزلىك تۈزەشكە نازارەتچىلىك قىلىش، بارلىق، ئۇچۇر ئىگىلەش، ئېلىكترونلۇق كۆزىتىش سېستىمىلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ چىقىش، مەسىلە كۆپ كۆرۈلىدىغان، خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بىر مەھەللىگە بىر كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەھەللە كومىتېتى، كۆزەتكۈچىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئالدىدا جىددىي تۇتۇپ مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 1000 دىن ئارتۇق رازۋېتكا ساقچىسىنى ئاۋغۇستتىن باشلاپ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، " مىڭ ساقچى يۈز كۈنلۈك دېلو پاش قىلىش ئورتاق جېڭى " نى ئېلان قىلىپ بۇ ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىدى.
جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بۇ خىل كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتىدە يەنە تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش ۋە تۆتنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ مەركەزلىك ئېلىپ بېرىش، بۇ ئاساستا كۆچمە ۋە ئاقما نوپۇسقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭمۇ مۇھىم بىر خىزمەت تۈرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى ئاقما نوپۇسنى ئىگىلەش ھەم خۇلاسىلەش نىسبىتىنى 100%كە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.
ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە بىر مەزگىللىك قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما، ئۈرۈمچى ئامانلىق تورىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بولسا، سايباغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان مەزكۇر رايوندىكى مۇرەككەپ ئورۇنلاردا مەركەزلىك تۈزەشنى كۈچەيتىش جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدىكى خەۋىرىدىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ جىددىي ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە سايباغ رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسى ياڭزىجاڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان رايوندىكى مۇرەككەپ جايلارغا قاراتقان قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەش ھەرىكەتلىرىدە 5 - ئىيۇل جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 31نى تۇتقانلىقى بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نى رەسمىي قولغا ئېلىپ 11 گە تەربىيە بىلەن تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قاتتىق زەربە بېرىشتە نەتىجە ياراتقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
مەزكۇر خەۋەرلەرگە ئاساسەن ياڭزىجاڭ يولى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما بىر ئۇيغۇر ساقچى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز يەنە سايباغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق :
- سايباغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىمۇ؟
- ھە، سىز نەدىن ؟
- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، ئاڭلىسام سىلەر رايوندا تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپسىلەر بۇ جەرياندا ياڭزىجاڭ يولى تەۋەسىدە 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى بايقىدىڭلارمۇ ؟
- جىنايەت گۇماندارلىرىنى دەۋاتامسىز ؟ بايقىدۇق.
- قانچە ئادەم قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەمسىز؟
- بۇ ھەقتە سىزگە چۈشەندۈرۈش بېرەلمەيمەن.
- ئۇنداقتا بۇ رايوندىكى ئاقما نوپۇسلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەر ئالغانلىقىڭلار ھەققىدىچۇ؟
- بۇ مەسىلىگە مەسئۇل خادىملار ھەممىسى سىرتتا ئالدىراش، ئىشىڭىز بولسا باش ئىدارىمىزغا تېلېفون قىلىپ سوراڭ.
ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قانۇنچىلىق تورىدا ئېلان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى20 - ئاۋغۇست باشلىغان "1000 ساقچىنىڭ يۈز كۈنلۈك دېلو پاش قىلىش جېڭى ھەرىكىتى" دە دەسلەپكى 20 كۈن ئىچىدىلا 863 دېلونى پاش قىلىپ، توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 56 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىكەن.
5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى، مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى، ھەر تۈرلۈك ساقچى رازۋېتكا خادىملىرىنى كۆپەيتىش ۋە تۈرلۈك نامدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق داۋام قىلماقتا.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە بىر يىل بولغان كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ نەتىجىلىرى ئىنتايىن گەۋدىلىك " دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. خەۋەردە ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە 40مىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يەنە 5 مىڭ ساقچى كۈپەيتىلدى.
5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك 26 جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 9 ى ئىجرا قىلىندى دەپ كۆرسەتكەن شۇنداقلا ئالاھىدە ئىز قوغلاپ تۇتۇش ئەترىتى دەپ ئاتالغان ئەترەتنىڭ ئالاھىدە رازۋېتكا ساقچىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.