ئۈرۈمچىدىكى نازۇك رايونلاردا نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ نىشانى باشقىچە بولماقتا

1 - نويابىردىن باشلاپ، خىتايدىكى 6 - قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى مەملىكەتلىك نوپۇس ستاتىستىكا ئامبىرىغا كىرىشكە باشلىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشكە نەچچە ئون مىڭ ئورگاندىن يۈز مىڭ خادىم سەپلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىكى باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئات بەيگە مەيدانى، تاش بۇلاق، يامالىق رايونلىرىدا بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇس تەكشۈرۈش نىشاننىڭ يەنىلا كۆچمە نوپۇسلارنى قايتىدىن باشقۇرۇش ۋە تازىلاشقا قارىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى، 1 - نويابىر ھەر جايدا تەڭ باشلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشنى، خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت نوپۇس باشقۇرۇش ئورگانلىرى بولۇپ نەچچە ئون مىڭ ئورگاننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ 100 مىڭ نوپۇس تەكشۈرگۈچىنى ئىشقا سېلىپ 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلىۋەتكەن ئىدى.

بۇ يۈز مىڭ خادىم يەنە 1 - نويابىردىن باشلاپ ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ، بىر كىشىمۇ تىزىمدىن چۈشۈپ قالماسلىق شەرتى بىلەن نوپۇس تىزىملاش ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈن يەنى 2 - نويابىر ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇلتۇر 1 - ئۆكتەبىردىن، بۇ يىل 30 ‏ - سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەم ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان نوپۇس ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئىككى مىليون 615 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 639 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنى كۆچمە نوپۇس ئىگىلەيدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچى نوپۇسى تۇراقلىق ئۆرلەش سەۋىيىسىنى ساقلاپ كەلدى دەپ كۆرسىتىلگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر ھەم تەشۋىقات تورلىرىدا مەملىكەتلىك 6 - قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ پەقەت ئومۇمى نوپۇس ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى، تەكشۈرۈش جەريانىدا خەلقنىڭ رايىغا ياقمايدىغان ھادىسىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نوپۇس تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىنتايىن ئېھتىيات، ئەدەپ ‏ - ئەخلاق بىلەن تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقاتلار تارقاتماقتا.

ھەتتا، نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا پەقەت ئائىلىنىڭ جان سانى ۋە ئۇلارنىڭ ھايات ئەھۋالىنىلا سوراش، كىرىم مەنبەسى، قانچە ئېغىز ئۆيى بارلىقى قاتارلىق ئاممىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان سوئاللارنى سورىماسلىقتەك بەلگىلىمىلەرنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەمما، تەڭرىتاغ تور بېتىدە 2 - نويابىر بېرىلگەن خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ 1 - نويابىر ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى تاشبۇلاق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئارقا كوچا مەھەللىسىدە نوپۇس تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئات بەيگە مەيدانىدا بىر قانچە ئۆيگە كىرگەندە، ئۇيغۇرلاردىن جان سانى، بالا سانىنى ۋە تىزىملاش جەدىۋىلىدىكى سوئاللارنى سورىغاندىن باشقا، ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەردىكى كۆچمە نوپۇسلارنى تىزىملاش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە كۆچمە نوپۇس تەكشۈرۈش جەدىۋىلىنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى بەلگىلىمىسىدە، نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ،خىتايچە چىقىدىغان يېڭى يىپەك يولى تور بېتىدە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن، ئۈرۈمچىدە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتاينىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمەت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ تەكشۈرۈشنىڭ بەزى سىياسىي غەرەز بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

يەنى 26 - ئۆكتەبىر يېڭى يىپەك يولى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى تاش بۇلاق رايونى ئىش باشقۇرۇش كومىتېتى، ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن 115 نەپەر خادىمنىڭ ئالتە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۇپ يېرىم كېچە سائەت 12 بولغاندا، رايوندىكى 172 ئائىلىگە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ بارغان. 368 ئادەمنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەريانىدا، ئۈچتە كىنىشكىسىز 13 ئادەمنى تەكشۈرۈپ تاپقان ۋە يۈزىنى ياپقان 6 ئايالغا تەربىيە ئېلىپ بارغان، ساقال قويغان ئىككى كىشىنى سوراق قىلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتمىسە، رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، يەنە نوپۇس تەكشۈرۈش باشلانغاندىن بۇيان، ئات بەيگە مەيدانى مەھەللە كومىتېتى، ساقچىخانىسى ھەمدە رايوندىكى چارلاش ئەترىتى بىرلىكتە، مەزكۇر رايوندىكى 22 چوڭ - كىچىك كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق 3599 ئادەمنى تىزىملاپ تېگى ‏ - تەكتىنى ئېنىقلاپ چىققان. مەزكۇر رايونغا كىرىدىغان ئۈچ كىرىش ئېغىزىغا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە پوس تۇرغۇزغان بولۇپ، ئات بەيگە مەيدانىغا كىرىپ ‏ - چىققان ھەر قانداق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈلىدىغان بولغان. كۈندە 24 سائەت نۆۋەتچى قويۇش، 12 سائەت چارلاشنى يولغا قويغان. بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ جايدىكى تۇراقسىز نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە تازىلاشنى كۈچەيتكەن.

ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى 2 - نويابىر يېرىم كېچە 12دە تېلېفون قىلغىنىمىزدا نۆۋەتچى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدۇق. بىز يەنە يامالىق ئىش باشقۇرۇش كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق، بۇ ئورۇندىكى نۆۋەتچى خادىممۇ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

تاش بۇلاق رايونى ئىش باشقۇرۇش كومىتېتىدا 2 - نويابىر نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خىتاي خادىم، بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا كۆچمە نوپۇسلار ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى:

-- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان 6 قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىۋاتامسىلەر؟

-- ھەئە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

-- ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ تىزىملامسىلەر؟

-- شۇنداق، نوپۇس تەكشۈرۈش دېگەن شۇنداق بولىدۇ ئەلۋەتتە.

-- بۇ كومىتېتتا نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپسىلەر، نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟

-- مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى نېمە بولماقچى. ھەر قانداق ئادەمنى خىتاي پۇقراسى بولىدىكەن ھەممىنى تىزىملايدىغان ئىش.

-- ئۇنداقتا ئۈرۈمچىدىكى نوپۇس بۇلتۇرقىغا قارىغاندا يەنە ئېشىپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئاڭلىغىنىمىزدا 5 - ئىيۇلدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان ھەم ئۆلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپەيگەن نوپۇس نەدىن كەلگەن.

-- بۇ ئىغۋا، مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەن. ئۈرۈمچىدە ئۇنداق كۆپ ئادەم تۇتۇلغىنى، ئۆلگىنى يوق، بۇنىڭ ھەممىسى ئىغۋا، بۇ جاي ئىنتايىن تىنچ، ياخشى.

-- كىمگە ياخشى، خىتايلارغىمۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ؟

-- ھەممىسى ئوخشاش. تەڭ بەھرىمان بولىمىز.

-- سىزنىڭچە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيدىمۇ، ئازايدىمۇ؟

-- سىزنىڭ بۇنداق سوئاللارنى سورىشىڭىزدىكى غەرىزىڭىز نېمە؟ بۇنداق سوئاللىرىڭىزنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سوراڭ. مەن دېدىمغۇ، بۇ جاي ئىنتايىن تىنچ، سىز دېگەن ئۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس، مىللىي زىددىيەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

ئات بەيگە مەيدانى، يامالىق تاغ رايونى، تاش بۇلاق رايونى، خۇڭيەنچى رايونى قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپرەك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئەزەلدىن خىتاي دائىرىلىرى ئەندىشە قىلىدىغان رايونلار ھېسابلىنىپ كەلگەن، بولۇپمۇ بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونى ساقچى دائىرىلىرى بۇ جايلارغا جەمئىيەتتىن يەنە 500 نەپەر ساقچىنى كۆپەيتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

شۇنداقلا 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۈن مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ رايونلاردىكى كۆچمەنلەر نوپۇسى ھەققىدە ھەر بىر نوپۇس ئۈستىدىن بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. بۇ جەرياندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ رايونلاردىن 5 - ئىيۇل جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 1300 نەپەرنى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېچىدە يامالىق ساقچى دائىرىلىرى يامالىق رايونىدا يەنە تور سېلىپ قايتا تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يەنە 81 گۇمانلىق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇشۇلارغا ئوخشاش ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي نازۇك رايونلار دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايلاردا بۇلتۇر 5 - ئىيۇلدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قايتا - قايتا تەكشۈرۈش، تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.