ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق بولماقتا

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە نامايىش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەتنىڭ بۈگۈن بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا يەنىلا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.

كوچىدا پىيادە يۈرۈش چەكلەنگەن

2 - ئاۋغۇستتىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى قايتا جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ بەزى جايلىرىدا كوچىدا پىيادە يۈرۈش چەكلەنگەن. بۇ خىلدىكى چەكلەشنىڭ ئۈرۈمچىدە دۈشەنبە كۈنى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھالبۇكى، چەكلەشنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ يەنە قايسى رايونلىرىدا يۈرگۈزۈلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. بىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن سىرتقا چىقماسلىققا بۇيرۇلغان.

ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا ياشايدىغان بىر شەھەر پۇقراسى ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بېرى سىرتقا چىقمىغانلىقىنى، كوچىدا پىيادە يۈرۈش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەر ئېھتىمالغا قارىشى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.

شپىرىس ھۇجۇملىرى "تېررورلۇق" دەپ كۆرسىتىلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە جەريانىدا ئۈرۈمچىدە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئوكۇل يىڭنىسى بىلەن باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش ھادىسىسى كۆرۈنگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە سادىر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان نامەلۇم يىڭنە ھۇجۇملىرىنى "تېررورلۇق" دەپ كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇئا ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 8 - سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يىڭنە ھۇجۇملىرىنىڭ " تېررورلۇق" ھۇجۇملىرىغا ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نازارەت خادىمى دۇ شىنتاۋ: " مەزكۇر ھۇجۇملار زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ شەكلىنى ئالغان" دېدى

"فرانسىيە 24" تېلېۋىزىيىسى قانىلى مۇخبىرى ستېفېن جاڭنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن مۇلاھىزە خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 - سېنتەبىردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالار جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بېسىقتۇرۇشى ۋە ئۇندىن كېيىن قوللانغان خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىگە رازى بولماي نامايىش قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى: نامايىشلاردا 5 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن

"خىتايلار ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشتا مەسئۇلىيىتى بارلارنى جازالاش قەدىمىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىكەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن تاقەتسىزلىك پەيدا بولغان."

نامايىش 3 - ، 4 - ، 5 - سېنتەبىر كۈنلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشلاردا 5 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 14 ئادەمنىڭ يارىلىنىپ ياتاققا ئېلىنغانلىقىنى، 45 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىدى.

كۆزەتچىلەر ۋە رادىئومىزغا باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەر ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 30 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ھازىرغىچە دەلىللىيەلمىدۇق.

خوڭكوڭ رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ 4 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنى نامايىشقا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، "توپىلاڭچىلار قولغا ئېلىنسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان، ۋاڭ لېچۈئەن قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

نامايىشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى لى جېنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازىرى ليۇ ياۋخۇئانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جۇ چاڭجىيې جامائەت خەۋپسىزلىك نازىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.