'ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆچمەنلىك ئۈرۈمچىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرماقتا'

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ يەنىلا ۋەھىمىلىك ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خوڭكوڭدىن چىقىدىغان جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەپسىلىي خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر - خىتايلار ئارىسىدا چوڭقۇرلاشقان ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆچمەنلىك ئۈرۈمچىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى خىتايلار "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ باشقا رايونلىرىغا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە باشلىغان بولغاچقا ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە ئولتۇراق ئۆي باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ، ئۆي بىساتلىرىنى سېتىۋېتىشتكە يول قويمايدىغان سىياسەتلەرنىمۇ بەلگىلەشكە باشلىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان جياڭ فامىلىلىك بىر خىتاي ئايال: "يەرلىك ھۆكۈمەت كىشىلەرنى ئۆي باھاسىنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلماقتا، ئەمما ئۆز ئۆيىڭىزنى ساتقۇزمىسا، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تارتىدىغان زىيىنى جىق بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن."

مەلۇم بولۇشىچە، جياڭ ئۆيىنى 400 مىڭ يۈئەنگە سېتىۋېلىپ 70 مىڭ يۈئەن خەجلەپ بېزىگەن. ھازىر ئۇ ئۆينى ساتالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئۆينى ئىجارىگە ئالدىغان ئادەممۇ چىقماپتۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەممە ئىشلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە ئۆز - ئارا ئىشەنمەسلىك ئەۋج ئالغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن مال ياكى يېمەكلىك سېتىۋېلىشنى بىرەسمىي ھالدا بايقۇت قىلغان. ئۆزىنىڭ 7 - ئايدىن بۇيان كاۋاپ يەپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان بىر تاكسى شوپۇرى: " باشقا خەنلەرگە ئوخشاش مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە ئالمايمەن، ياكى ئۇلارنىڭ تامىقىنى يېمەيمەن. مەن ئۇلارغا شۇنداق يول بىلەن تەنبىھ بېرىپ قويماقچى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىزدىن كۆپرەك زىيان تارتىدۇ،" دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دۆڭكۆۋرۈككە خىتايلار سالغان خەلقئارا چوڭ بازىرىدىمۇ ساياھەتچىلەر ئىنتايىن ئاز، بازار ئالدىكى رەسىمچىنىڭ تۆگىسىمۇ بىكار قالغان ھەمدە بازار ئىچىدىكى دۇكانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تاقالغان ئىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى بۇ خىل ئەھۋال ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇ مىن ئىسىملىك خىتاي سودىگەر، ئۈرۈمچىدىكى ھەر ئون خىتاي سودىگەرنىڭ ئىچىدە 3 - 4 نىڭ ئۈرۈمچىدىن كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى سودىسىنى ئەسلى يۇرتى جياڭسۇغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچىدە نەچچە ئون يىل تۇرغان سىچۈئەنلىك يەنە بىر سودىگەر، نامايىشتىن كېيىن جېجىياڭغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 5 - ئىيۇل نامايىشىدىن باشقا، سېنتەبىر ئايلىرىدا مەيدانغا چىققان ئوكۇل يىڭنىسى ھۇجۇمى خىتايلار ئارىسىدا تېخىمۇ ئېغىر ساراسىمە پەيدا قىلغان. لى ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، "بىر ياشانغان ئايال، ياكى بىر ئوقۇغۇچى قىزمۇ ھۇجۇمچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كىمنىڭ سىزگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلەلمەيسىز. شۇڭلاشقا ئۆچمەنلىك بەك ئېغىر بولدى. خىتايلارمۇ بەك تېتىت بولدى."

ئاشكارىلىنىشىچە، 5 - ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ خىتايلاردىن باشقىلارغىمۇ مۇلازىمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەممە ئۈرۈمچىدە خىتاي تاكسى شوپۇرلىرى باشقا مىللەتلەر تاكى توسسا توختىمايدىكەن. ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ئەگەر بىر ئۇيغۇر كەلسە خىتاي يولۇچىلار كەينىگە داجىپ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدىكەن.

يۇقىرىقى ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشتىنىڭ قارىشىچە، بۇ ماقالە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەممە ماقالىدا بۇ خىل ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار روشەن يورۇتۇلمىغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگىگەن ۋە نامايىشنىڭ ھەققى جەريان ۋە سەۋەبلىرىنى ئاخباراتتا بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر نامايىشچىلار ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 7 - ئىيۇل يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى خەۋەر قىلمىغان ۋە بۇ كۈنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى ئاڭلاتمىغان.

دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ: " ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىشىغا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئاخباراتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسىتى سەۋەب بولدى. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يەنە داۋاملىشىدىغان بولسا ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىدۇ،" دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.