بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بىر قىسىم ئۈرۈمچى ئاھالىسى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ناھايىتى جىددىي ھالەتتتە ئىكەنلىكىنى، كوچىلارنى قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق بارلىق چوڭ شەھەر، يېزا ۋە ھەتتا كەنتلەرگىچە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھازىرمۇ ناھايىتى جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتى مەركەزلەشكەن دۆڭ كۆۋرۈك رايونىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار 16 كۈندىن بېرى تاقاپ قويۇلغان.
چارشەنبە كۈنى يېڭدىن ئېچىلغان چوڭ بازارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھوڭكوڭنىڭ " سودا رادىئو ئىستانسىسى" ئىلگىرى مەزكۈر بازار ئەتىراپىدا ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئايلىنىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا نەچچە يۈز كىشىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، چوڭ بازاردا مۇلازىمەت باشلانغاندىن كېيىن، 4 مىڭدىن ئارتۇق دۇكاننىڭ ئاران يېرىمىنىڭ ئېچىلغانلىقى، بازار تاقالغان 16 كۈن ئىچىدە تىجارەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 2 مىڭ يۈەن زىيان تارتقانلىىقنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلاردا يەنە، چوڭ بازارنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش مەقسىتىدە مەخسۇس 70 نەپەر ئامانلىق خادىمى تەسىس قىلىنىپ، ھەر بىر مۇشتىرىنىڭ سومكا ۋە يانچۇقلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان، ئۈرۈمچىدىكى بىر شەھەر ئاھالىسى رادىئومىزنىڭ ھوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېچىسى سىرتقا چىقماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالغانلىقىنى، كىشىلەر ئارىسىدا ئادەم بومبا خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سۆز - چۆچەكلەر تارقىلىپ، كىشىلەر تەشۋىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر شەھەر ئاھالىسى رادىئومىز مۇخبىرىغا، ئۆيىنىڭ ئەتىراپىدا ئەسكەر ئاپتوموبىلى تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ": ئالدىمىزدىكى ھەممىسى ھەربىي قىسىمنىڭ ئاپتوموبىللىرى، ئۇلارنىڭ يان تەرەپلىرىگە " قانۇننى ھىمايە قىلايلى"، " قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرەيلى"، " ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتايلى " دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار چاپلانغان " دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - ئىيۇل كۈنى، " ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە 196 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1434 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، قولغا ئېلىنغان ئادەم سانى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يالغان خەۋەرلەر كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدە 26 - ئىيۇن يۈز بەرگەن، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. نامايىش قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر دىيارىدا ھەربىي ھالەتنى ئالاھىدە كۈچەيتكەندىن سىرت يەنە، خىتايدىن ئالاھىدە ھەربىي قىسىم يۆتكەش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەندە شۇنىڭدەك ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەم سانى ۋە قولغا ئېلىنغان ئادەم سانى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئادەم سانىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ دەپ پەرەز قىلماقتا.
ئۆلگەن، يارىدار بولغان، ئىز - دىرەكسىز يوقالغان ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق ئۇچۇرنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى كىشىلەر ئارىسىدىكى قورقۇنچ ۋە ئەندىشىنى كۈچەيتىپ، يەنە جىددىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى مەيدانغا كەلتۈردى. مانا بۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكلەرنىڭ تېخى پەسەيمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.