نامايىشچىلار " بىزگە ئەركىنلىك كېرەك"، " تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇۋېتىلسۇن" دەپ شۇئار توۋلىغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلاردىن بىرى، بېشىغا رەڭلىك ياغلىق ئارتقان، مەدىنە ئەختەم ئىسىملىك قىز بولۇپ، ئۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئىنگىلىزچە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ نامايىش جەرياندا ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، گۇاڭدۇڭ قاتىللىرىنىڭ جازالانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئازادلىق يولىدا يۇقىرى ئاۋازدا شۇئار توۋلاپ ماڭغان بۇ ياشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ساقچىلار نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تارقىتىۋەتكەن.
بۇ، يېقىنقى 6 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋە خەلقئارا مەتبۇاتلارغا ئەكس ئەتكەن 3 - قېتىملىق نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 5 - ئىيۇل نامايىشىغا 10مىڭغا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان ئىدى. 6 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار نامايىشىغا، 500 ئەتراپىدا ئانىلار، بالىلار ۋە ياشلار ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
5 - ئىيۇل نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان؛ ئارقىدىن 1400دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى كوچىلارنى تولدۇرغان؛ خىتاي زورۋانلىق كۈچلىرى كالتەك - چوماق بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان، مانا مۇشۇندا ئەنسىز ۋاقىتتا، 3 - قېتىملىق نامايىشنىڭ يۈز بېرىشى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ھەيران قالدۇرغان . بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرى، بىر ئاشخانا خوجايىنىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغان. ئاشخانا خوجايىنى مۇخبىرغا " بۇلار بىزنى قورقۇتۇپ ئىدارە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىز مۇسۇلمان، بىز ئۆلۈمدىن قورمايمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.
خىتاي ئاخباراتى تۈنۈگۈن، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ تىنجىغانلىقىنى، ھاياتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئاخشام خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جۈمە نامىزىنى چەكلىگەن، ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكى جۈمە نامىزىنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا بۇيرىغان ۋە مەسچىتلەر ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويترېس ۋە ب ب س قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمە نامىزىنىڭ چەكلىنىشىگە قارىماي، ئۇيغۇرلار مەسچىتلەر ئالدىدا توپلانغان ۋە ساقچىلار بىلەن تاكاللاشقان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەسچىتلەر جۈمە نامىزىغا ئېچىۋېتىلگەن.
ئاقمەسچىت ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى، بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرىغا، جۈمە نامىزىغا ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ توپلانغانلىقىنى، ۋەقە چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەسچىتلەرنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن خىتايغا قاتنايدىغان پويىز بىلەتلىرىنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئاشقان.
دۆڭكۆۋرۈكتە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كەيپىياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن، بۇ قېتىمقى نامايىشتا ۋە خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن رادىئومىزغا تېلىفون ئېچىپ، ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئادرىسى، ياتقان دوختۇرخانىسى ۋە قاماقخانىسى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە چاقىردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.