ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك ئۆيلەرگە چۈشكەن پارازىتلار پاش بولماقتا

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى جەمئىي 234 كەپىلىك ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۈچ يىلدا چېقىپ بولۇش، بەش يىلغىچە تۈزەپ بولۇشنى 2010 - يىلى رەسمىي پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدى، ئۈرۈمچى خەۋەر تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىش مەزكۇر پىلانلىق قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان شۇنداقلا بۇ پىلان يۈرگۈزۈلۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە ۋە ھازىرغا قەدەر، بۇ خىل كەپىلىك ئۆي ۋە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش ۋە چېقىشقا مەسئۇل خىتاي كادىرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە پارىخورلۇق جىنايەتلىرى داۋام ئەتكەن.

2011.11.21
urumqi-rayun-305 ئۈرۈمچىدىكى چېقىلغان ۋە چېقىلىش ئالدىدا تۇرغان جايلار
AFP
ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى جەمئىي 234 كەپىلىك ئۆيلەر رايونلىرىنى ئۈچ يىلدا چېقىپ بولۇش، بەش يىلغىچە تۈزەپ بولۇشنى 2010 - يىلى رەسمىي پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدى، ئۈرۈمچى خەۋەر تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىش مەزكۇر پىلانلىق قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا باشلانغان شۇنداقلا بۇ پىلان يۈرگۈزۈلۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە ۋە ھازىرغا قەدەر، بۇ خىل كەپىلىك ئۆي ۋە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش ۋە چېقىشقا مەسئۇل خىتاي كادىرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە پارىخورلۇق جىنايەتلىرى داۋام ئەتكەن. بۇنىڭ پاش بولغان بىر قىسمىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇماتتىن ئاڭلايلى :

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدىكى ياقا - يۇرتلۇق ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئات بەيگە مەيدانى، تاشبۇلاق قاتارلىق كەپىلىك رايونلارنى، مۇقىمسىز رايونلار دەپ كۆرسىتىپ بۇ جايلاردىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغاندىن باشقا، مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈشكە، ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن قوغلاشقا باشلىغان ئىدى.

- 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئالغان ئەڭ چوڭ تەدبىرىنىڭ بىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بارلىق كەپىلىك ئۆيلەر رايونلىرىنى چېقىپ تۈزەش پىلانىدۇر، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى 26 - نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەمئىي 234 كەپىلىك ئۆيلەر رايونى ۋە مەھەللىلەرنى ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي چېقىپ، بەش يىل ئىچىدە تۈزەپ بولۇشنى پىلانغا كىرگۈزگەن، بۇ پىلان بويىچە جەمئىي 62مىڭ 400ئائىلە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، شۇ يىلى - 4 ئايدا رەسمىي ئىش باشلىغان ئىدى.

مەلۇمكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قانچە يىل يامالىق، تاشبۇلاق قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچراق ئولتۇراقلاشقان كەپىلىك ئۆيلەر رايونلىرى چېقىپ تۈزۈلۈۋاتقان ئىدى، ئەمما مەزكۇر پىلان كۆلىمى ۋە دائىرىسى ئەڭ زور، ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان بىر تۈر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا دائىر ھۆججەتتە، كەپىلىك ئۆيلەرنى ئومۇميۈزلۈك چېقىپ تۈزەش ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن نۇقتىلىق ۋە مۇھىم پىلانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۈرۈمچىدىن بېرىلىدىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ پىلان بويىچە تاش بۇلاق، ئات بەيگە مەيدانى مەھەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 كەپىلىك مەھەللىلەر ئاساسەن چېقىلىپ كۆچۈرۈلۈپ بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 3 مىليارد 610 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ يىلقى چېقىلىدىغان كەپىلىك ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى يەنە بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ 2011 - يىلىدا كەپىلىك مەھەللىدىن 50نى چېقىش پىلانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « بەخت قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىۋالغان زور كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجراتقان، بۇ كەپىلىك ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇش پىلانىدىن، نۇرغۇن خىتاي كادىرلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلغانلىقى پاش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۈرۈمچى ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، - 14 نويابىر ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىلىرى سايباغ رايونىدىكى يامالىق تاغ كەپىلىك مەھەللە ۋە تەڭرىتاغ رايونى تاش بۇلاق كەپىلىك مەھەللىلىرىدىكى ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل دۆلەت كادىر ۋە مەمۇرلاردىن 17 كىشىنى سوتلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2010 - يىلى كەپىلىك ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشتىن پارا يېگەن ئومۇمىي سوممىسى تۆت مىليون 530 مىڭ يۈەنگە بارغان.

ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۇلارنىڭ جيەن جياخۇي ئىسىملىك باش جىنايەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7سىگە 3 يىلدىن 7 يېرىم يىلغىچە قاماق جازاسى بەرگەن، يەنە 10 كىشىنىڭ سوتى داۋاملاشماقتا ئىكەن. ھازىرغىچە مەزكۇر جىنايەتكە چېتىشلىق جىنايەتچى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايلار ئىكەن.

بۇ پارازىتلار ئاساسەن كەپىلىك ئۆيلەرنى كۆچۈرۈش ۋە چېقىش ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆي چېقىش ۋە تۈزەشكە مەسئۇل بولىدىغان شىركەتلەر بىلەن ئۆز ئالدىغا سودىلىشىپ ئارىدىن زور پايدا ئالغاندىن سىرت، كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆز ئالدىغا ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ يۇقىرى باھادا ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىش جەريانىدا پايدا ئالغان شۇنداقلا ئۆيى چېقىلىۋاتقان كۆچۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئۆي ئىگىلىرىدىنمۇ ئۆي چېقىش ۋە يېڭى ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىش جەريانىدىمۇ خىزمەت قولايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان.

بۇنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭ لېنىيىسى تورىدا، 9 - نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتىدا، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەھەللە يول باشقارمىسىنىڭ لى فامىلىلىك مەسئۇلىنىڭ، بۇ رايوندىكى كەپىلىك ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشىدىن 380 مىڭ يۈەن پارا يىگەنلىكى سەۋەبلىك سوتلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن لى فامىلىلىك بۇ خىتاي كادىر 2007 - يىلىدىن باشلاپ مەھەللە يول باشقارمىسىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خىزمەت قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەپىلىك ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆچۈرىدىغان ئەرزان باھالىق ئۆيلىرىنى ھۆكۈمەت باھاسىدىنمۇ ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىش، كۆلىمى كىچىك ئۆيلەرنى چوڭ ئۆيلەرگە تېگىشىپ بېرىش ئارقىلىق پايدا يېگەن ۋە ئۆي ياساش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزۈش ۋە ئۆي قۇرۇلۇش شېركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا جەمئىي 380 مىڭ يۈەن پارا يىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

شىنجاڭ قانۇن تورىدا 23 - سېنتەبىر بېرىلگەن يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى يامالىق تاغ كەپىلىك رايونىنى كۆچۈرۈپ تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇلى خىزمەت قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، 2009 - يىلى 11 - ئايدىن 2010 - يىلى 8 - ئايغا قەدەر كەپىلىك ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشىدىن جەمئىي 340 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان.

27 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەھەللە كومىتېتى مۇدىرى بولغان، 35 ياشلىق چېن فامىلىلىك ئايال 2007 يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىش قۇرۇلۇشى جەريانىدا 95مىڭ يۈەن پارا يىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىشقا مەسئۇل يەنە بىر جۇ فامىلىلىك دۆلەت مەمۇرى بۇ جەرياندا ئوخشاش جىنايى يول ۋە ئۇسۇل بىلەن 150 مىڭ يۈەنگە ئېرىشكەن. بۇ پارازىتلار ئۆي چېقىش جەريانىدا ئۆي سېتىۋېلىش توختامى بولسىمۇ، يەر ۋە ئۆي خېتى بولمىغانلارغا پۇل ئېلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پايدىلىق سىياسەتلىرىگە ئىگە قىلىش، يېڭى ئۆيلەرگە ئېرىشىش خېتى بېجىرىپ بېرىش، يەر ۋە ئۆي خېتى بار كىشىلەردىن ئۆيلەرنى ئەرزان ئېلىپ قىممەت سېتىش، يالغان ھۆججەت بېجىرىپ بېرىش، ھۆججەت ئىگىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلار ئارقىلىق كۆپ پارا يېگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كەپىلىك ئۆيلەر رايونلىرىنى چېقىپ تۈزەش قۇرۇلۇشى داۋامىدا پارا يېگۈچى ۋە پارا بەرگۈچىلەر يەنى مەزكۇر دېلولارغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.