[ پائول موزۇر ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپOpens in new window ]
، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن، ئۇيغۇرلارغا ئاڭلىتىلىپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالقىشلانغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆز يازمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ قەدەر ياخشى باھاغا ئېرىشكىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، "رەھمەت، ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ بۇ ماقالىلارنى ياقتۇرغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ماقالىلىرىمنى ياقتۇرماسلىقى، ھەتتا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ماقالىلەردىكى بايانلارنى كۆرگىنىدە ئاچچىقلىنىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى مەن ماقالەمدە ئۇلار خالىمايدىغان سۆزلەرنى قىلدىم،" دېدى.
پائۇل موزۇر ئۆزى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن ھازىر تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمنى ئەركىن يازغۇچى دېسەممۇ بولىدۇ، بەزىدە مۇخبىرلىقمۇ قىلىپ قويىمەن، ئەمما ھازىر مەن يەنىلا ئۆگىنىش باسقۇچىدا. مەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ بىرى. ھازىر تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۇيغۇرچىنى ئازراق بىلىمەن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش پىلانىممۇ بار ئەلۋەتتە."
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ ئۈچ پارچە ماقالىسىنى يېزىشقا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە بۇ يازمىلىرىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان چېغىمدا، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدىم. بۇ تارىخى شەھەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى مېنى بەكلا بىئارام قىلدى. مەن بۇ قەدىمى شەھەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىپ ۋەيران قىلىۋېتىلىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەرنى كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە بولدۇم ھەم يازلىق تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا ۋىزا ئالدىم-دە، قەشقەرگە ساياھەتكە باردىم. مېنىڭ بارغان ۋاقتىم دەل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ھەم ئويلىغانلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن كىشىلەرگە بايان قىلىش نىيىتىدە بۇ 3 پارچە ماقالىنى يازدىم. ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ جىقراق ئىزدىنىشكە تىرىشىمەن."
پائۇل موزۇر يەنە بىر ماقالىسى، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
"شىنجاڭ ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغان زېمىنلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. 4 ئايدىن بۇيان بۇ جاينىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلىپتۇ. قىسقا ئۇچۇر ماڭمايدۇ، ئىنتېرنېت ئۇلانمايدۇ، خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئالاقە لىنىيىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن. شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى بۇ جاينىڭ سودا ئىشلىرىغا ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايغان، ئۇچۇر ئالاقىلىرى قامال قىلىنغان، پۈتكۈل ئۆلكىدىكى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى پىتنە -پاسات، ئۆسەك سۆزلەر قاپلىغان ئىدى. ساياھەت يېتەكچىلىرى بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ يەردىكى ساياھەت ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇۋاتقانلىقىدىن زارلىناتتى."
ئاپتور بىر ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئۆزىگە دېگەن سۆزىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
" بۇلتۇر ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبىدىن ئەھۋال ناچار بولغان ئىدى. بىز بۇ يىل بىرئاز ياخشىراق بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىدۇق. ھازىرقى ئەھۋالدا كىممۇ بۇ يەرگە كېلىشنى خالىسۇن؟ ئىنتېرنېت ئۈزۈلگەن شارائىتتا سودىنى قىلغىلى بولاتتىمۇ؟"
ئاپتور، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزى كۆرگەن رېئاللىقنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
"پۈتكۈل ئۆلكىدىكى مېھمانخانىلار ياز پەسلىدە بوش قالماقتا ئىدى. قۇمۇلدىن تارتىپ ئۈرۈمچىگىچە، خوتەن، يەكەنلەرگىچە بولغان جايلاردىكى مېھمانخانىلار، ئىنتېرنىتخانىلار، غەربچە قاۋاقخانا، كارا-ئوكەي زاللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادەملەر شالاڭ ئىدى. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلىرى خەۋەر،ئۇچۇرلارنى قامال قىلغىنى ئۈچۈن، مۇخبىرلارنىڭ تەكلىماكان بويلىرىدا كامېرالىرى بىلەن سۈرەتكە تارتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ھەم كۆرۈنمەيتتى."
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
" تېخىمۇ ئېچىنارلىق بولغىنى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك كەمسىتىشلەر سەۋەبىدىن ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى."
ئاپتور ماقالىسىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئېغىر ھالەتتە قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"1949 - يىلدىن ئىلگىرى بۇ جايدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى 6% كە يەتمەيتتى، 60 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس يۆتكەش نەتىجىسىدە ھازىر بۇ جايدىكى خىتايلار نوپۇسى 40% تىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ يەر ئىگىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان ئىكەن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يارىتىلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش سىياسىتى ھەم بۇ يەردىكى ئولتۇراق ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىشسىز قېلىۋېتىپتۇ.
ئاپتور، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
" شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 50 - يىللاردا قۇرۇلغان بولۇپ، خىزمەتچىلىرىنىڭ 88.1% ى خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىسى بۇ يەردە ئىشلەيدىكەن.گەرچە بىڭتۈەن بۇ جايدا ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كۆمۈۋېتىش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئاشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ' بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىبلىمەكتە."
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكولاس بېكولىننىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
"ھازىر شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەنلەرگە قارىغاندىمۇ كۆپ ھەم ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن 'ئۆز ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق' دەپ ئاغرىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدۇ."
ئاپتور ماقالىسىدا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:
"دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىشسىزلىق ھالىتىدە قېلىشى، ئەسلىدىكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھالقىلىق ئايلاردىمۇ، ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆز سىياسىتىدە تەكرار خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى، ئۇيغۇرلار ھەم خىتايلاردا ئوخشاشلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا."
ئاپتور، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 8 - ئايلارنىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن يىڭنە ۋەقەسى ھەم 3 - سېنتەبىر يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغان. ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
" بۇ رايوندا ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى بىلەن، ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىپ، ھەممە يەرنى ئەنسىزلىك قاپلىماقتا. ئۈرۈمچىدە يامان نامى پۇر كەتكەن، شەپقەتسىز يەرلىك ھۆكۈمران، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تېخىچە جازاغا تارتىلماسلىقى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئەڭ يامان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا."
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا پائۇل موزۇر ختاي تىلىدا ئۆز ئارزۇسىنى مۇنداق بايان قىلدى:
"مېنىڭ ماقالىلىرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلغانلىقىدىن مەن تولىمۇ ھاياجانلانماقتىمەن. مېنىڭ يەنە بىر ئارزۇيۇم، ئەگەر بۇ ماقالىلار خىتاي تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، خىتايلارغىمۇ تونۇشتۇرۇلغان بولسا، بۇنىڭ رېئال ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى، خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىشى، ئۇلارنى چۈشىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن."
قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، يۇقىرىدا سىلەر پائۇل موزۇرنىڭ "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى ھەم ئاپتۇر بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز بىلەن تونۇشتۇڭلار.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.