5 - ئىيۇل شاھىتى ماھىرە مۇھەممەت: بۈگۈنكى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى، ئەينى چاغدىكى بوسنا - ھەرسەك ۋە دارفۇرنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ كىتىدۇ

گوللاندىيىنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش مەھكىمىسى بۈگۈندىن ئېتىبارەن، "سېرب قاسسىپى" دەپ نام ئالغان ئىرقىي قىرغىنچى رادوۋان كارازىكنى سوتلاشنى باشلىدى.

0:00 / 0:00

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1992 - يىلىدىن 1995 - يىلىغىچە داۋام قىلغان بوسنا - ھەرسەك ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بوسنالىق مىڭلىغان بىگۇنا موسۇلماننىڭ ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىنىشىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان رادوۋان كارازىك، ئۆتكەن يىلى سىربىستاننىڭ پايتەختى بېلگرادتا تۇتقۇن قىلىنىپ، گوللاندىيىدىكى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇلغان ئىدى. رادوۋان كارازىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن سوتقا تارتىلىشى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ كىلىۋاتقان، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىپى ئۆزىدىن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى خەلقئارا سوتلاردا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

چۈنكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن، شەكىللەنگەن بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، ئاسارەت ئاستىدىكى ئاجىز مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بارغان ھېچبىر فاشىست ياكى مۇستەبىت كۈچ خەلقئارادا جازاسىز قالغان ئەمەس، مەيلى ئۇ بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى ياكى ئادەتتىكى بىر پۇقرا بولسۇن، ھەممىسى خەلقئارالىق قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن ۋە خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. مەسىلەن، 10 نەچچە يىل قېچىپ يۈرگەن سىرب قاتىل رادوۋان كارازىكنىڭ ئاخىرى يەنە قانۇن تورىغا چۈشۈپ، بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سوتقا چىقىرىلغانلىقى، بۇنىڭ جانلىق ئۆرنىكىدىن ئىبارەت.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە يېقىندىلا گېرمانىيىگە كىلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ماھىرە مۇھەممەت خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئەينى چاغدىكى بوسنا - ھەرسەك ۋە دارفۇرنىڭ ۋەزىيىتىدىن چوڭ بىر پەرقى يوق. خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كىلىۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكەتلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قوماندانلىق قىلغان ۋاڭ لېچۇئەن قاتارلىق خىتاي قاسساپلىرىمۇ جەزمەن خەلقئارا سوتلاردا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن، ماھىرە مۇھەممەت خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدىم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.