5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر شاھىتى كۆرگەنلىرىنى ئاشكارىلىدى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە نامايىشقا بىۋاستە قاتناشقان، كېيىن ياۋرۇپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە قېچىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ياش نامايىش يۈز بەرگەن كۈنىدىكى ئەھۋاللارنى بىزگە ئېيتىپ بەردى. ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك، ئىلگىرى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەشتىن ئىككىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ ياش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى ئۆز ۋەتىنىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلىپ، ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەزكۈر ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىتىمىز.