يىغىنغا 350 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىن زالى پۈتۈنلەي تولۇپ كەتكەن بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر ئىشىك تۈۋىدىن، بىر قىسىم كىشىلەر يەردىن ئورۇن ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر زالنىڭ كەينى تەرىپىدە توپلىشىپ يىغىن ئاڭلاشتى. يىغىنغا جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى داۋىد باكمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىننىڭ تېمىسى "شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى" بولۇپ، 29 - ئۆكتەبىردىكى يىغىندا تەرتىپ بويىچە، ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس مىللىۋارد، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تالانت مەۋقانۇلى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر باۋىڭدون، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى رىشات كاسابا قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى.
باشتا سۆزگە چىققان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېدمۇند ئا. ۋالش خەلقئارا مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى دوتسېنتى جەيمىس مىللىۋارد سوز قىلدى.
دوتسېنت مىللىۋاردنىڭ ماقالىسى ئاساسەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كىيىن، يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەر ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن 26 - ئىيۇن ۋەقەسىگە مەركەزلەشكەن ئىدى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن 26 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن شۈبھىلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، ئىنتېرنېتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىگە" گە سوئال قويۇشقا باشلىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ئۈرۈمچىدە نامايىشىنىڭ كېيىن زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، تىنچ يوسۇندا باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ نامايىش توغرىسىدا باشقا مەتبۇئاتلاردا بېرىلمىگەن تەرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ: " '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ يەنە بىر تەرىپى مەيلى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ۋە مەيلى غەرب ئاخباراتلىرىدا بېرىلمىدى. ئۇ بولسىمۇ، 5 - ئىيۇل كەچتە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، ھەربىي دائىرىلىرى ۋە ساقچى قىسىملىرى نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقى."
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، شۇ كۈنى كەچتە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى بىلىش ئۈچۈن پەقەت گۇۋاھچىلار ۋە شۇلار بۇ ھەقتە يازغان ھەم باشقىلارغا دەپ بەرگەن ئۇچۇرلارغا تايىنىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تالانت مەۋقانۇلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە توختالدى.
تالانت مەۋقانۇلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىققا ئايلانغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئوينىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ : " ئىجتىمائىي تىلشۇناسلار ئۇيغۇر تىلى مەيلى ھۆكۈمەت، مەيلى مائارىپ ۋە مەيلى ئالاقە جەھەتتىن بولمىسۇن ئاساسلىقى تىللاردىن بىرى. خىتاي تىلىمۇ شۇنداق « دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى يەنە شىنجاڭدىكى قازاق، قىرغىز، شېۋە، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئورتاق تىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
تالان مەۋقانۇلى، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تىل سىياسىتى تۈپەيلى، تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاقە ۋە سودا ۋە مائارىپ تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارا - بارا ئىستېمالدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىشتىن چەكلەنگەنلىكىنى، نەتىجىدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نارازىلىقلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
يىغىندا تەرتىپ بويىچە سۆزگە چىققان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر باۋىڭدون ئالدى بىلەن سېئاتىل ئايرودرومىدىن يىغىن سورۇنىغا كېلىش جەريانىدىكى ھېكايە بىلەن باشلىدى. ئۇ بۈگۈن يىغىغا كەلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
گاردنېر باۋىڭدون ئەپەندى مۇنداق دېدى: " مەن يولدا كەلگۈچە ئايرودرومدىن قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتىم ۋە يولدا كەلگۈچە ئاپتوبۇس شوپۇرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ماڭدىم. ئۇ مەندىن نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن دۇنيادا ئانچە تونۇلۇپ كەتمەيدىغان شىنجاڭ دېگەن بىر يەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا، ئۇ يەر ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يەر شۇمۇ دېدى...."
باۋىڭدون ئەپەندى، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن يىڭنە ھۇجۇمى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشى ۋە ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئاخباراتلار ھەققىدە ئاساسلىق توختالدى.
ئۇ يىڭنە ھۇجۇمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ، ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئەندىشە قوزغاپ 3 - سېنتەبىردىكى نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىڭنە ھۇجۇمى گۇماندارلىرىدىن بىر نەچچىنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە جازاغا تارتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈم ئېلان قىلىش جەريانىدا جاۋابكارلارغا پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى مىسالغا ئېلىپ، چىڭ پادىشاھى يۇڭ جىڭنىڭ ئۆزىگە قارشى كىتاب يازغان زىڭ جىڭ ئىسىملىك ئۆلىماغا جازا بەرگەندىن سىرت، ئۆزى بۇنىڭغا قارىشى تەييارلىغان ماتېرىيالدا، زىڭ جىڭغا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە: " يۇڭ جىڭ، ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ پادىشاھى، زىڭ جىڭنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ھۆججەتتە زىڭ جىڭنىڭ ئەسلى بايانلىرىدىن زو مىقداردا نەقىل كەلتۈرگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا چىڭ ئىمپېراتورى بۇ جىنايەتكارغا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بەرگەن. ئەمما بۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگىنى يوق."
يىغىن داۋامىدا ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى رىشات كاسابا "تۈركىيىدىن شەرققە نەزەر" تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى بېرىلىش شەكلى ھەققىدە توختالدى.
مۇتەخەسسىسلەر ماقالە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇلاردىن سوئال سورىدى. سوئاللار خىتاينىڭ 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى، مىللىي سىياسىتى ۋە خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەر ئۈستىدە بولدى.
يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئىككى يېرىم سىياسەتلەر ئەتراپىدا داۋام قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا، مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى جەكسون خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى داۋىد باكمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئالدى بىلەن بۇ خىل شەكىلدىكى يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ، مەركىزىي ئاسىيا ياكى ئۇيغۇر ئېلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئولچەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئاممىغا يۈزلىنىمىز.ئۇلارغا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى ۋە شۇنداق رايونلاردا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ جەھەتلەردە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بۇ يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز."
ئۇ يەنە بۈگۈنكى يىغىننىڭ نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىننىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىنى ۋە يىغىنىدا قارشى پىكىرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، مۇنازىرىلەرنىڭ ئىلمىي قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گاردنېر باۋىڭدون ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىلەر ئازراق بولسىمۇ ھەل قىلىنمىسا، بۇلارنىڭ باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: " مېنىڭچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى يەڭگىللىتەلەيدىغانلىقى ئېنىق. مەسىلەن ھەقىقىي قوش تىل سىياسىتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچىنى ئۆگىنىشى شەرت قىلىنغىنىدەك، خەنزۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشىنى شەرت قىلىش، بۇ بەك ئاددىي بىر قەدەم."
گاردنېر باۋىڭدون يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنىڭمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن 30 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، سۆھبەت شەكلىدە يەنە داۋام قىلىدۇ.