ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى نېمىشقا سۈكۈتتە؟

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقەگە ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت بوپقالدى. گەرچە باشقا دۆلەتلەر تۈركىيىدەك ئېنىق ۋە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قالايمىقانچىلىقلارنى دەرھال توختىتىپ، گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە بۇ ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ تا ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىدىن ھېچقانداق بىر ئىنكاس كەلمىگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەردە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى نېمىشقا سۈكۈتتە، بۇنىڭ سەۋەبى پەقەتلا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئىش بىرلىكىمۇ؟

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار كەلدى. بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى خەلقنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئەمما قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش - تۇغقان بولغان دۆلەتلەردىن ھېچقانداق بىر ئىنكاسنىڭ كەلمەسلىكىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇنىڭغا نىسبەتەن تۈرلۈك مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى.

بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نسبەتەن سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە تۈركىيە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى ۋە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىز ئالدى بىلەن تۈركىيە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن باشلاندى.

-- سىنان ئوغان ئەپەندى، سىزچە ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نىسبەتەن دۇنيا دۆلەتلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇردىمۇ؟

-- مەنچە شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس كەلمىدى. ئەگەر مۇشۇنداق شىددەتلىك بىر ۋەقە دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە بولغان بولسىدى، ئەھۋال باشقىچە بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نىسبەتەن مۇشۇنچىلىك ئىنكاسنىڭ كېلىشىمۇ مەنچە يەنىلا مۇھىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بۇرۇن دۇنيا كۈن تەرتىپىدە بۇنچىلىك ئورۇن ئېلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ جەھەتتىن قارىغىنىمىزدا يەنىلا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما يېتەرلىكمۇ دېگەندە، ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئەمەس.

-- سىنان ئەپەندىم، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە سىزچە؟

-- بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچى دەپ قارىلايدۇ. لېكىن قارىسىڭىز، ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق. بىراق ھەم مۇسۇلمان ھەم تۈرك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدەك ئۇيغۇرلارغا تۇغقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋېلىشى كىشىنى تېخىمۇ ئەجەپلەندۇرىدۇ ۋە ۋەھىمىگە سالىدۇ. بۇنىڭ بەزى سەۋەبلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدا قېپقالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى. رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرى ئىش بىرلىكى بار. شۇنداقتىمۇ مەيلى قازاق، قىرغىز، مەيلى ئۆزبېك بولسۇن بۇلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قېرىنداشلىرى بار. شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇنلىغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك بار ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ئەسلىدە دەرھال ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا توغرا بولاتتى. رۇسىيە ۋە خىتاي بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بەك مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. قىرغىزىستان كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىككى مۇھىم ئادىمى بۇ قېتىم ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈزىدىن خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلدى. تولىمۇ ئەپسۇس بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت.

-- سىنان ئەپەندىم، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئىقتىسادىي، ئەسكىرى جەھەتتىن خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا مۇستەقىل بىر دۆلەت. تۈركىيىگە ئوخشاش قاتتىق ۋە كەسكىن بىر ئىپادە بىلدۈرمىسىمۇ، دېپلوماتىك بىر تىل بىلەن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالمامدۇ؟

-- ئەگەر، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان دۆلەتلەر بولغان بولسا يەنە باشقىچە بولاتتى. بۇ دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن دۆلەتلەر. شۇڭا ئۇلار تېخى دېموكراتىيىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ بولالمىدى. شۇڭا ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا ئەتە - ئۆگۈن ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭمۇ سۇ يۈزىگە چىقىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

بىز بۇ تېما ھەققىدە يەنە، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭمۇ كۆز قارىشىنى ئالدۇق. ئالىمجان ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن ھۇشيار بولۇشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.