ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ ھېلىمۇ ناھايىتى جىددىي بولۇپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوراللىق ساقچىلارنىڭ چارلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ كىشى بىزگە ئۈرۈمچىدىكى بارلىق تېلېفون ئالاقىسىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، تور ئالاقە ئۇچۇرىنىڭ تامامەن ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ كىشى بىزگە 5- ئىيۇل كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىنىپ نامايىش قىلغانلىقىنى، مەكتەپ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا يىغىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1000دىن ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ كىشى "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قامالغا ئېلىنغانلىقىنى، مەكتەپ ئىچى بىلەن سىرتتىكى ئالاقىنىڭ ئاشۇ مەزگىلدە تامامەن ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ 24 سائەتلەپ چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا بۇ كىشى يەنە "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەنلىكىنى، رابىيە خانىم بىلەن دالاي لامانىڭ رەسىملىرى تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا تەكرار كۆرسىتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ كىشى بىزگە "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن 2 نەپىرى ئۇستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇ بىزگە "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 197 نەپەر دېگەن ساننىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆلگۈچىلەر 1000 دىن ئاشىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن ئىدارە-جەمئىيەتلەردە ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىئانە توپلاش نامىدا،مەجبۇرىي ھالدا 200 يۈەندىن ئىئانە يىغقانلىقىنى، بۇ پۇلنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە يىغىلىش ۋاقتىنىڭ 9- ئاينىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەن، گەرچە مەكتەپ تەرەپ بۇنى ئىزاھلاپ، ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرسنى كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي سەۋەبنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
بۇ كىشى سۆھبەت ئاخىرىدا بىزگە، "5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلەشكەنلكىنى، ئىلگىرى بالىلىرىنى خىتاي تىلى مەكتەپلىرىگە بەرگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بەلكىم بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.
"5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە 2 ئاي بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ،چەتئەل بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىدى. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ خىل ھالەت بۇ يىل ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 - يىللىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.