13 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ئاق مەسچىت ۋەقەسى شۈبھىلىك ۋەقە

شىنخۇا تورى ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە شۇ كۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك تاماملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، شۇنداقلا، - 13 ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىتكە قىڭراقلارنى تەييارلاپ كىرگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ نامازخانلارنى جىھاتقا چاقىرىپ، مەسچىت قوغدىغۇچىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە ۋەقەلىك جەريانىنىڭ سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ تارقاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەگە ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەقسەتلىك تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرلىرىدىكى گۇمانلىق تەرەپلەرنى ئېچىپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.