ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى توغرىسىدا

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ نىڭ " شىنجاڭ ۋەقەسى پەيدا بولۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى " دېگەن ماقالىسىدە ئالدى بىلەن مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان : جۇڭگودا 5 ساختا ئاپتونوم رايون بار. ئۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونى، نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىقلار.

0:00 / 0:00

ئەسلىدە " ئاپتونومىيە " سۆزى خۇسۇسىي باشقۇرۇش ئىگىدارچىلىقى ياكى ئۆزىنى - ئۆزى باشقۇرۇش دېگەن مەنالاردا بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئېنگىلىزچە لۇغەت ئاتالغۇسىدىمۇ " مۇستەقىللىق " ۋە " ئەركىنلىك" دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

بىراق جۇڭگودىكى بۇ ئاپتونوم رايونلاردا، ئاپتونومىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇغا مۇناسىپ بىرەر ئالاھىدىلىكنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى مەزكۈر ئاپتونوم رايونلارنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى چوڭ خەن مىللىتىدۇر.

ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭ زېمىنىنى بېسىۋىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ۋە باشقا قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاتار، تاجىك شۇنىڭدەك 100 مىڭدەك خىتاينىڭ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلىقىنى،خىتايدىن باشقا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋاڭ نىڭ ھازىر مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە كىشىلەرگە يات بولغان ھەمدە ئاڭلاش قېيىن بولغان خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

1884 ‏- يىلى خىتاينىڭ مەنچىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋىلىپ، مەزكۈر ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نامىنى شىنجاڭ قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى ماقالىسىدە ئىلاۋە قىلغان ۋاڭنىڭ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاي ھاكىميىتىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسى كۈرەشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردە يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئايرىم ‏- ئايرىم ھالدا 1933 - يىلى ۋە 1944 ‏- يىلى قۇرۇلۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 1955 ‏- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن تارىخى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ئاپتور ۋاڭنىڭ، بۇ جايدىكى ئاساسلىق ھوقۇقنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تامامەن ماناپول قىلىنغانلىقىنى، مەزكۈر ئاپتونوم رايوندىكى ئارمىيە، قوراللىق قىسىم، ساقچى، قانۇن، ئەدىلىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى شۇنىڭدەك بارلىق مەتبۇئاتلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن باش سېكرىتار تەرىپىدىن بىۋاستە كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى، مۇھىمى بۇ سېكرىتارنىڭ چوقۇم خىتاي مىللىتى بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،" ئەگەر جۇڭگونىڭ مەركىزى بېيجىڭ شەھىرىگە تىبەت ياكى ئۇيغۇر باش سېكرىتار ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، بېيجىڭ ئاھالىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلىسا، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلمىگەن بېيجىڭ پۇقراسى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمىسا، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتايلار بۆلگۈنچى، ئەكسىل ئىنقىلابچى ئۇنسۇر ۋە ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تېررورچى دېگەن قالپاق بىلەن قارىلانسا، بېيجىڭلىقلار قانداق ھېسسياتتا بولغان بولاتتى، ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم بېيجىڭلىقلارنىڭ چوڭ كوچىغا چىقىپ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە مەشھۇر خىتاي دېموكراتچىسى ياڭ جىيەنلى بىلەن 5" ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى " توغرىسىدا تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە سۆھبەت جەريانىدا ياڭ جىيەنلى ئېيتقان سۆزلەرنى تىلغا ئالغان ۋاڭ نىڭ ياڭ جىيەنلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان:

" بۇ قېتىمقى ۋەقە، جۇڭگو كومپارتىيە سىياسىتىدىكى نۇقسانلار تۈپەيلى مەيدانغا كەلدى، بۇ خىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇيغۇر، خىتاي ھەممىسى تەڭ ئۇچرىدى، خىتاي كومپارتىيىسى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى ۋە ئارقىدىن ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى " رابىيە قادىر " دەپ، مەسئۇليەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرغا ئارتىپ قويدى.

ۋاڭنىڭ ماقالىسىدە، ياڭ جىيەنلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " مەن رابىيە قادىرنى ئىككى يىلدىن بۇيان تونۇدۇم، مەن رابىيە قادىر ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي مىللىتىگە نىسبەتەن ھىچبىر ئۆچمەنلىكى بارلىقىنى ھىس قىلغىنىم يوق، رابىيە خانىم پەقەت كىشىلىك ھوقۇققا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىن نەپرەتلىنىدۇ."

ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا 5 " ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەر ھەققىدە قىسىقىچە خۇلاسە چىقارغان ۋاڭ نىڭ مۇنداق، دەپ كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى مەجبۇرىي بېسىۋىلىنغان بۇ زېمىننىڭ بارلىق ھوقۇقى " باش سېكرىتار " قالپىقى كىيگەن خىتاينڭ چاڭگىلىدا، ئۇ ئارمىيە، ساقچى ۋە تۈرمىنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياللانما ئىتلار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كۈزىتىدىغان بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت چاپلايدىغان تەشۋىقات ئورگانلىرىنى باشقۇرىدۇ. شىنجاڭغا مەسئۇل " باش سېكرىتار" نى ھىمايە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سېكرىتار خۇ جىنتاۋ، ئۇ مىللەتلەر ئىناق ‏- ئىتتىپاق دەپ شۇئار توۋلىغان كىچىك سېكرىتارنى قوللاپ ‏- قۇۋەتلەپ، يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە پىسەنت قىلماي كەلمەكتە. نەتىجىدە بۈگۈن بىھۇدە قان ئاقماقتا. بۇنىڭدىن شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىش كېرەككى، ئۆچمەنلىك ئۆلۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. دېمەك ئۆلۈم ئايرىلىش، مۇھەببەت بىرلىشىش دېمەكتۇر.