7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان "بۇ ۋەھشىلىك" دەپ بايانات بەرگەن ئىدى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خەۋەر تۈركىيە تېلېۋىزىيىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ن ت ۋ گە بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. دەل بۇ زاماندا تۈركىيە سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈل پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنى خىتاي مالىنى ئالماسلىققا چاقىردى.
تۈرك خەلقى دۇكانلىرىدىكى خىتاي ماللىرىنى سىرتقا تاشلاشقا باشلىدى. بۈگۈن ئاخشام دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيىلىرىدىن بىرى بولغان شوۋ ت ۋ گە چىقىپ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تۈركىيە دۆلىتىگە رەخمەت ئېيتتى ۋە خىتاينىڭ ئېيىبلەشلىرىگە رەددىيە بىلدۈردى.
بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت رت تۈرك قانىلى مۇخبىرى لەۋەنت ئۇلۇچەر ئەپەندىنىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايلار يېڭىدىن 22 مىڭ ئەسكەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ چوڭ كىچىك كوچىلاردا ھەربىي ماشىنىلىرى بىلەن چارلاۋاتقان، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەر تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىۋاتقان.
تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتەيلى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ئىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە لەۋەنت ئۇلۇچەر مەخسۇس خەۋەر بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.