كۆزەتكۈچىلەر بولسا، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىش بىلەن رايوندىكى مەۋجۇت مىللىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تارماقلىرىنى، شەھەردىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنى ۋە نازۇك ئەسلىھەلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئومۇميۈزلىك ھادىسە ئەمەس ئىدى.
دائىرىلەر 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئۈرۈمچىدىكى پۇقرالارنىڭ پائالىيىتىنى تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنىڭ سانىنى كۈپەيتىشنى، شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا ۋە كوچا ئېغىزلىرىدا كېچە - كۈندۈز كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.
"جۇڭگو خەۋەر تورى" يېقىندا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 2010 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنىڭ سانى60 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ھەر قايسى يول ۋە كوچا ئېغىزلىرىنىڭ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ، پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە ئاپارات ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 24 سائەت كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دائىرىلەر، بۇ تەدبىر ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ تەدبىرنىڭ قاراتمىلىققا ئىگىلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئىش - ھەرىكىتىنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەدبىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەتكە تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ "شەخسىيىتىگە قىلىنغان تەھدىت" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خام چوتىنى %88 كۆپەيتىپ، بۇلتۇرقى 1 مىليارد 540 مىليون يۈەن خام چوتنى بۇ يىل 2 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرگەن ئىدى. بۇ پۇلنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنى كۆپەيتىشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقى ياكى بۇنىڭغا ئايرىم پۇل ئاجرىتىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى ئانالىزچىلار، دائىرىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خام چوتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىكى سەۋەبلەرنى ئانالىز قىلىپ، يېقىندىن بېرى رايوندا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى قىسىدىغان يەرلىك قانۇنلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ باستۇرۇش دائىرىسى كېڭىيىپ، پۇلغا ئېھتىياجى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش" توغرىسىدىكى يېڭى نىزامنامە ماقۇللاپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش، ئۆي ئىجارە بېرىش، ئاختۇرۇش، ئادەم تۇتۇش ئىشلىرىدىكى ھوقۇق دائىرىسى كېڭەيتىلگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەزكۇر نىزامنامە بىلەن "ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي قانۇن ساھەسىدىكى بەزى زاتلار يەرلىك نىزامنامىلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە دائىر ماددىلارغا زىت بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
بېيجىڭ يەر شارى قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى بايان قىلىپ، "جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىدا يەرلىك ئورگانلارغا جۈملىدىن ئاپتونومىيىلىك جايلارغا يەرلىك قانۇن چىقىرىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان نىزاملارنى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇڭا شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇن - نىزاملارنى چىقىرىش ھوقۇقى بار. لېكىن بۇ قانۇن - نىزاملار ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە ئائىت نىگىزلىك ماددىسىغا زىت بولماسلىقى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.
يەنە بەزى ئانالىزچىلار، بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى، نازارەتنىڭ كۈچەيتىلىشى "ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ قانۇن دائىرىسىدىكى پىكىر ۋە ئىش ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر 2009 - يىلى 11 - ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئاز كەم 47 مىڭ دانە بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، پىلانغا ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر يەنە 13 مىڭ دانە ئاپارات ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
بېيجىڭ يەر شارى قانۇن شىركىتىدىكى جياڭ تيەنيۇڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىلىدە مەۋجۈت مەسىلىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بېكىتىلگەن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي، يالغۇز قاراتمىلىققا ئىگە بەزى تەدبىر ۋە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، زەربە بېرىشكە تايانسا مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "جۇڭگودا قانۇنغا ھەقىقىي تۈردە ھۆرمەت قىلىنماي كەلدى. جۈملىدىن جۇڭگودىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا دائىر قانۇنلارغا رىئايە قىلىنمىدى شۇنداقلا بۇ قانۇنلار ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. شۇڭا جۇڭگونىڭ مىللەتلەرگە دائىر بەزى مىللىي سىياسىتىنى ئىجىرا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلاندى. مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، جۇڭگونىڭ جۈملىدىن ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىدارىچىلىرى مىللىي سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. پۈتۈنلەي قاراتمىلىققا ئىگە بولغان بەزى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، نوقۇل زەربە بېرىشكىلا تايانسا ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.