لېكىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئوخشىمىغان پىكىردىكى تەرەپلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھۆكۈمنى "سىياسى مەقسەتلىك" دەپ تەنقىدلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش ۋە تۈرلۈك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، سوت مەھكىمىسىگە چىقارغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى 7 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 6 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، بىر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.
لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە سوت قارارىنىڭ شۇ كۈنى ئىجىرا قىلىنىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنىمە دېيىلمىگەن.
بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بېرىلمەي ھۆكۈمنى شۇ كۈنى ئىجىرا قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇشتىكى ئادالەت ئاساسىنى رەت قىلىپ، خىتايدا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەرەپسىزلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار - ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت، غېنى يۈسۈپ، ئابدۇللا مەتتوختى، ئادىل روزى، نۇرئەلى ھوشۇر ۋە ئالىم مەتيۈسۈپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 7 - كىشى بولسا تاھىرجان ئابلىمىتتۇر.
بۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە باغلاپ جازالىغان تۈنجى تۇركۈمدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ "قاتىللىق قىلىش، بەزىلىرىنىڭ بولسا ئوت قويۇش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى"نى ئىلگىرى سۆرگەن. لېكىن سوتنىڭ قارارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت سوتنىڭ ئادالەتنى چىقىش قىلىش ئەمەس، سىياسى مەقسەتنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9 - ئايدا 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك 21 كىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى، سوتلانغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز دېگەندە 19 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن تەرەپلەرنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا دائىر مەلۇماتىدىكى پەرقلەر ناھايىتى چوڭ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتى بىردەك ئەمەس.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى ليۇ پو يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا، قولغا ئېلىنىپ رەسمىي ئەيىبلىنىدىغانلارنىڭ 430 غا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭلارغا يېتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى مەلۇم ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ سوئال - سوراقسىز ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئادۋوكاتلار شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 6 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە چىقىرىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۈرۈمچىدىكى جاڭ پەمىلىلىك بىر ئادۋوكات رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ھۆكۈمنى "بەك تېز چىقىرىلدى. ئەسلى بۇ تۈردىكى دىلولاردا ۋەقەلىك ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى لازىم. سوتنىڭ دىلونى كۆرۈپ چىقىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن سوت ھۆكۈمنى بەك تېز چىقىرىۋەتتى" دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بېيجىڭدىكى قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى قوبۇل قىلىشىغا چەكلىمە قويۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ "بۇ تۈرلۈك دىلولارنى قوبۇل قىلغاندا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشى"نى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەدلىيە نازارىتى بولسا 5" - ئىيۇل تۇتقۇنلىرى"نىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدە ئۆزىنى ئاقلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جى ئىلگىرى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى ئېغىر جازالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى خاتىرجەم ياشاۋېرىشقا ئۈندىگەن ئىدى. ۋاڭ لېچۈەن بىر قېتىمقى سۆزىدە ئۈرۈمچىدىكى "داشقاللار"نى تازىلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بېيجىڭدىكى بەزى ئادۋوكاتلار بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئېغىر جازاغا تارتىپ، باشقىلارغا ۋەھىمە سېلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، لېكىن بۇ ئۇسۇل بىلەن كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن بۇ ھەقتىكى بايانىدا مۇنداق دەيدۇ : "بۇ تۈرلۈك ھۆكۈملەر ئالاھىدە ئېغىر چارىلەرگە تايىنىپ باشقىلاردا ۋەھىمە يارىتىشنى كۆزلەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە بۇ مەقسەتكە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. جۇڭگو ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا دائىم قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئۈنۈمىگە خۇراپىلارچە ئىشىنىش خائىشى ئېغىر. ئۇلار ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلمايدۇ."
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقان 6 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشنىڭ 3 كۈن ئالدىدا، خىتاينىڭ گۈاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 26 - ئىيۇندىكى "شاۋگۈەن ۋەقەسى"گە قاتناشقان بىر خىتاينى ۋەقەدە ئوينىغان رولى سەۋەبى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. "شاۋگۈەن ۋەقەسى" بولسا 5 - ئىيۇلدىكى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ ئوت پىلتىسى ئىدى.