گۈلنار خانىم ساقچى ئىدارىسىدا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى؟ (1)

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىككى مىللەت ئايرىلالمايدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمىلى يەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى خىتاي ساقچىلار خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، ھەتتا خىتايلار ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى خالىمايدىكەن.

0:00 / 0:00

گۈلنار ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر خانىم 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە تېلېفون پۇلى تۆلەش ئۈچۈن تېلېفون شىركىتىگە بارغاندا، شۇ يەردە ئىشلەيدىغان 19 ياشلىق شۈ يەنلى ئىسىملىك بىر خىتاي قىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تاياق يېگەن.

ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار كېلىپ، بۇ ئىككىسىنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، گۈلنار ئىسىملىك بۇ خانىم ئۆزى دۇچ كەلگەن مۇئامىلىگە ھەمدە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قاتتىق نارازى بولغان.

گۈلنار خانىم ئۆزى دۇچ كەلگەن مۇئامىلىلەر ھەمدە ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ خانىمنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمغا سۆزلەپ بەرگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.