گۈلنار خانىم ساقچى ئىدارىسىدا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى؟ (2)

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ئېغىر بولۇپ، ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خالىغانچە توسۇپ سومكىلىرىنى ئاختۇرىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىن چەتئەلگە چىققان گۈلنار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇش ئىشلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋىج ئالغان.

گۈلنار خانىم دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە بارغان تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى چەتئەل دۆلەتلىرىدە كۆرگەنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ خانىمنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمغا سۆزلەپ بەرگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.