دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئۈستىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى پۇقراچە كىيىۋالغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىلىك ئىككى ئۇيغۇر ياشنى كىملىكى يوق، دېگەن سەۋەب توسۇۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، د ئۇ ق خىتاي ئالاھىدە ساقچى كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى توسۇۋېلىپ، كىملىك تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن ئۇلار كىملىكىنى يېنىدا ئالمىغان بولۇپ، نوپۇس كىنىشكىسىنىڭ كوپىيىسى ۋە شوپۇرلۇق پراۋىسىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ بۇنىڭغا قايىل بولماي ئۇلارغا زورلۇق كۈچ قوللانغانلىقى، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ ئۇچۇرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلار ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان، يارىلانغان ساقچى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇلارنىڭ شۇ كۈنى «جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئەتىسى ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مۇستەقىللىق تەرغىب قىلىنغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى ساقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرىدا قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى، ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسى، كەسپىي ۋە ياش قورامى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى، ھازىرمۇ داۋاملىق سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى باشقا يەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
بىز سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، ئەگەر ۋەقە راست بولسا، تۇتقۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، لېكىن سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر دىژورنى خادىمى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يولغا قويغان بىخەتەرلىك تەدبىرى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلاردا جىددىي ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 5 - ئىيۇل مەزگىلىدە ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مۇقىملىقنى قوغداش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان. ئۇ دائىرىلەردىن، «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، زەربە بېرىش، مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى، ئىستىخبارات خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى، تور كونتروللۇقىنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش، نۇقتىلىق شەخسلەر، نۇقتىلىق بۇيۇملار، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان نازۇك مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى، كىملىك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، تىنچ پۇقرالارغا زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى ئەمەلىيەتتە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان «قۇتراتقۇلۇق» قىلىش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ، بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ نارازىلىق قوزغاپ، قارشىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى يېقىندا خوتەندىكى بىر يەر ئاستى قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئۆسمۈر بالا يارىلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى ۋە شۇنداقلا بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى كومپارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي زىيالىيلار ئۇيغۇرلارغا خەنزۇ مىللەتلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ۋە ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ باستۇرۇش ئىلگىرىلەپ قارشىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ئەسكەرتىپ: يەرلىك ھۆكۈمەت خەنزۇ مىللەتچىلىكى ئارقىلىق باشقا مىللەتنى بېسىشقا ئۇرۇنسا، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك مىللەتچىلىكىنى قوزغايدۇ. ئىستىبدات تۈزۈم ئاستىدىكى بىر ھاكىمىيەتنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خەنزۇ مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە زەربە بېرىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرماقتا. شۇڭا ئۇ بۇ رايونلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇلار بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ساقچى قىسمى ئەۋەتىش، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ھەرىكەتلىرىگە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا مەن تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ھازىر ئۇلارنىڭ يولغا قويۇپ، ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىش. ھالبۇكى، بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشقىلاردا نارازىلىق قوزغىشى تۇرغان گەپ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ خىل نارازىلىقنى ئىلگىرىلەپ باستۇرۇش ئۈچۈن زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىراق زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنسېرى تېخىمۇ زور قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى مۇقەررەر، دەپ كۆرسەتتى.
0:00 / 0:00