تۆمۈر تاپان ئاستىدىكى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار يەنە نامايىش قىلدى

ب ب س تېلېۋىزىيىسى بۈگۈن نەق مەيدانىدىن بەرگەن كۆرۈنۈشلەردىن قارىغاندا، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بىر قىسىم ياش ئەر - ئايال ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى. نامايىشچىلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق قورال يوق.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار 'بىزگە ئەركىنلىك كېرەك'، 'ئادالەت كېرەك'، 'تۇتۇپ كەتكەن ئۇرۇغق ‏ - تۇغقانلىرىمىزنى قويۇپ بەرسۈن' دەپ شۇئار توۋلىدى. چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئۇلارنى ئۇرۇپ يېقىتىپ، كۆكرەكلىرىگە دەسسىدى ۋە باغلاپ تۇتۇپ كەتتى.

ب ب س بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن يېڭىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي قىسىملىرى كوچىلارنى، ئاھالىلار رايونلىرىنى، بولۇپمۇ مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى'، 'ئىناق جەمئىيەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ئەڭ مۇھىم' دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ب ب س مۇخبىرى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە، بىر چوڭ مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى ۋە بۈگۈن مەسچىت تاقالدى، جۈمە نامىزىنى ھەر كىم ئۆز ئۆيىدە ئۆتىشى لازىم، دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان ئېلاننى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە، ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدە مەسچىتلەرنى تاقاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى، دېگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

'ۋەتىنىم تور بېتى'دە بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئاق مەسچىت جامائىتى تاقالغان دەرۋازىنى مەجبۇرىي ئاچقۇزۇپ، جۈمە نامىزى ئۆتىدى ۋە بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ غايىپ نامىزىنى چۈشۈردى. بىر نەچچە يۈز خىتاي ساقچىسى مەسچىتكە بېسىپ كىردى. ناماز ئەھلى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى.

ئۈرۈمچىدە خىتايلار قاچ - قاچ پەيدا قىلدى

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۈگۈن 'شىنجاڭدىن قېچىش دولقۇنى پەيدا بولمىدى' دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 5‏ - ئىيول كۈنىدىن باشلاپ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى يەنىلا باستۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ ئالدىراپ - تېنەپ قېچىشقا باشلىدى. ئۇرۇمچىگە پۇل تاپقىلى كەلگەن خىتايلارمۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، دەرھال قايتىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا باشلىدى.

ئۈرۈمچىدىكى پويىز ئىستانسىسىدىن خىتاي قاچ - قېچىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش مۇمكىن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى پويىز ئىستانسىسىغا توپلانغان خىتايلارنى زىيارەت قىلغاندا، نەرسە - كېرەكلىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا يۆلەپ قويۇپ خوتۇن‏، بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرغان چۇڭچىڭلىق جاڭ 'قورقۇپ كەتتۇق، بىلەت ئالالماي تۇرۇۋاتىمىز ' دېگەن. ۋاڭ ئىسىملىك يەنە بىرسى 'قەشقەرگە بېرىشتىن ۋاز كەچتىم، ئۇ جايغا بارىدىغان بېلەتنى ئادەتتىكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرىي باھادا سېتىۋەتتىم، ھازىر يۇرتۇمغا قايتاي دېسەم بىلەت ئالالمايۋاتىمەن' دېگەن.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا سودىسى بۇزۇلۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىرغىزستان، قازاقستانلار ئۆزىنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا سودىسىغا تەسىر يەتمىدى دەۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا سودىسى بۇزۇلۇۋاتىدۇ.

قازاقستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە بىر نەپەر قازاقستان پۇقراسى يارىلانغان ئىكەن. قازاقستان دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق خىتاي بىلەن سۆزلەشكەن. ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 'شىنجاڭ'ىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قازاقستان پۇقرالىرىدىن ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ بولغان ئادەم سانى 1200 دىن ئاشقان.

قىرغىزستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن قىرغىزستان ئۆز پۇقرالىدىن 45 ئادەمنى قايتۇرۇپ كەلگەن. بۈگۈن يەنە 50 ئادەمنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇمچىدە ئۇيغۇرلاغا قىلغان زوراۋانلىقىغا غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان.

'مۇستەبىتلەر ئاپەت ياغدۇرۇۋاتىدۇ'

سىنگاپوردا چىقىدىغان 'بىرلەشمە سەھەر گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ مەزكىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمى ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭنى تىنجىتىش ئىپادىسىنى قوللىغان. شۇنداقلا يەنە 'توپىلاڭ جىنايەتچىلىرىگە چۇقۇم قانۇن بۇيىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك' دېگەن.

دوۋېي ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە پۇزىتسيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمىچىدىكى توپىلاڭنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار، ئۇنى چېگرانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' قوزغاتتى، دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

كۆزىتىش ژۇرنىلىدا بۈگۈن 'مۇستەبىتلەر ئاپەت ياغدۇرۇۋاتىدۇ' سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاي مۇستەبىتلىرى ياغدۇرۇۋتقان ئاپەت. ئۇلار ھازىر يەنە دۆلەتنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى سەرپ قىلىپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر، تېبەت ھەرىكىتىنى يامان كۆرسىتىشكە باشلىدى.

قولىدا 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش' ئەسۋاپلىرىنى تۇتقان ھەربىي قىسىملار ئۇيغۇرلارنى 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى' سادىر قىلىۋاتقان 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى جەن جۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دېگەن دەل خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھەربىي قىسىملىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەكسىيەتچى كۈچنىڭ ئۆزى شۇ.