خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، زەھەرلىك ئوكۇل ھۇجۇمىنى ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، زەھەرلىك ئوكۇل ئۇرۇش ھۇجۇملىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 25 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، قالغان 21 كىشىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
چەتئەللەردىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئېنىقسىز بولغان بۇ مەلۇماتلىرىدىن گۇمانلانغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقىلارنى يىڭنە سانجىپ زەخمىلەندۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدىكەن. ئۇيغۇرلار ئاچچىقى كەلسە مۇش كۆتۈرسە كۆتۈرىدىكى يىڭنە سانجىپ يۈرمەيدىكەن. بۇ ھەقتە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكسىنا سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاكسىنىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىلاردا يېتىپ قالغان ۋە بەزىلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغان. بۇ ۋەجىدىن جەمئىيەتتە ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن نارازىلىق پەيدا بولغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنىلا مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاتالمىش يىڭنە سانجىش ۋەقەسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
بۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان تېپىشماق خاراكتېرىدىكى سىرلىق يىڭنە سانجىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتتىق ساراسىم ئىچىدە بولۇپ،ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆيلىرىگە قايتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، خىزمەت ئورۇنلىرىدا يېتىپ قوپۇپ ئىشلەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.
بۇ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئاھالىلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، "ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى ئۆلتۈردى، ئەگەر خەنزۇ ئاممىسى قوزغۇلۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىسا، قانداق قىلىسىلەر؟" دېگەن سوئالنى قويغان.
بۇندىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان، 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن خىتاي سېكرېتارلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالدىغا بۇنداق مەنتىقسىز سوئالنى تاشلىشى بولۇپ ھېسابلانمايدىكەن.
12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىمۇ، ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونغا باش بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۇڭ خەنلياڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر كاۋاپچىلىرى كاۋاپ سېتىۋاتىدىغۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلىرى كەلسە نېمە بوپتۇ ؟ دېگەن سوئالنى قويۇش ئارقىلىق مىليۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يۈزلەرچە ئۇيغۇر كاۋاپچىنى سېلىشتۇرما قىلغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.