خوڭكوڭدىكى "جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، يەرلىك ئاممىنىڭ ياقا يۇرتلۇقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشىگە چەكلىمە قويۇش، ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇقلار ئولتۇراقنامە ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ئىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا چىقارغان بەلگىلىمىدە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، شۈبھىلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان. رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان كىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يەر خېتى ھەم ئوي كىنىشكىسىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
دائىرىلەر يەنە، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىغا خادىم ئەۋەتىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئۆيلەرنى تىزىمغا ئېلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا بۇ ئاي ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، ئۆي ئىجارە بېرىش ۋە كۆچمە نوپۇسنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەگە قاتناشقانلار ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلار، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى ئەمەلدار ئۆز سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان 300 مىڭ كىشىنى تىزىمغا ئالغانلىقىنى، تىزىمغا ئېلىنغان ئاھالىلەر قورۇسىنىڭ 500 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ياقا يۇرتلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىتا، نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولمىغانلارنىڭ چوقۇم قەرەللىك ئولتۇراقنامە ئېلىشى كېرەكلىكى، ئولتۇراقنامە رۇخسىتىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى زۆرۈرلۈكى، ساقچىلار ئۇلارنى كۆرگەن يەردە تەكشۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىگە ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىكەن.
"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا پۇقرالارنى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىغان تام گېزىتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقى، بۇ تام گېزىتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىكى توپىلاڭغا ئارىلىشىپ، قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغانلار. ئىجارە ئۆيلەر تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى پىلانلايدىغان سىغىنما يەر بولۇپ قالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە نامايىشقا چىققان ئاممىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ياقا يۇرتلاردىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويماقتا ئىكەن.