تۈركىيىدە `ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان` نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئافيون ۋىلايىتىدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، `ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان` ناملىق يىغىن چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىندا ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يەر ئاستى ‏ - يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا خىتايلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپمۇ تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

Turkiye-uyg-Siyit.T-200
ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، `ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار سېيىت تۈمتۈرككە بەس ‏ - بەس بىلەن سوئاللار سوراشتى.

بۇ يىغىن قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. چوڭ زال لىق تولغان بولۇپ، ئولتۇرىدىغان جاي تاپالمىغان ئوقۇغۇچىلار سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ دوكلاتىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلاشتى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئاخشام 8 يېرىمدا ئافيوندىكى ئەر تېلېۋىزىيىسىدە بىر يېرىم سائەتلىك پروگراممىغا چىقىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

مىكائىل چېتىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىدا، رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق پۈتۈن ئافيون خەلقىنى ئۇيغۇر خەلقىغە ياردەم قىلىشقا چاقىردى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىگە ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ رادىئومىزغا، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.