خىتاي، 'ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى'نىڭ بۇ يىلقى جامائەت خەۋپسىزلىك خام چوتىنى بىر قاتلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى تەدبىرى بولسا 2010 ‏- يىلى رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئاجرىتىدىغان خام چوتنى كۆپەيتىش بولدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە تەنقىدى پىكىردىكى مۇتەخەسسسىلەر، بۇ تەدبىر رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان تۈرلۈك كونكرېت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپلا قالماي، بۇنىڭغا ماس قەدەم بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010 ‏- يىلقى ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خام چوتىنى زور مىقداردا كۆپەيتىپ، بۇلتۇرقى 1 مىليارد 540 مىليون يۈەن ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خام چوتىنى، 2010 ‏- يىلى 2 مىليارد 890 مىليونغا چىقاردى. بۇ دېگەنلىك بۇ يىلقى ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان خام چوت بۇ يىل %88 كۆپەيتىلدى، دېگەنلىكتۇر.

"جۇڭگو گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جامائەت خەۋپسىزلىك خام چوتىنى %88 ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى خام چوت پىلانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلار، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خام چوت پىلانىنى ھېچقانداق سوئال - سوراقسىز تەستىقلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. دائىرىلەر 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك قانۇن چىقىرىش مىخانىزىمىنى قوللىنىپ، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم -تەربىيە نىزامى" ۋە "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى"نى ماقۇللاپ، بۇ نىزامنامىلەردە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا زور ھوقۇقلارنى بەرگەن ئىدى. ئانالىزچىلار بولسا ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان خام چوتىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى رايوندىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى.

"جۇڭگو گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى خام چوتنى ئۆستۈرۈلگەنلىك سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "ئۈرۈمچىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ... شىنجاڭ خەلقىدە قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقىنى ، بۇ ۋەقە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى" نى شۇنداقلا "شىنجاڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ 2010 ‏- يىلدىكى باش ۋەزىپىسى 3 خىل كۈچلەرنى باستۇرۇش" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، رايوندىكى مەسىلە بىخەتەرلىكنىڭ بوشلۇقىدىكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبى سىياسى - ئىقتىسادى ئامىللارغا چېتىلىدىغانلىقىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى ، ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندىدۇر.

ياڭ لىيۈي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "شىنجاڭدىكى ھازىرقى مەسىلە ئىككى چوڭ مەسىلە. سىياسى جەھەتتىكى مەسىلە، سەن پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرامسەن ياكى ئۆز ‏ - ئۆزۈڭنى ئىدارە قىلامسەن دېگەن مەسىلىدۇر. ھازىرقى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار شەكىلدە ئۆز ‏ - ئۆزىنى باشقۇرىدۇ. شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا نامدا ئاپتونومىيە بېرىلگەن. لېكىن ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى پارتىيە. شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەمەس، بەلكى پارتكوم سېكرىتارى. شۇڭا شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ئاپتونومىيە شەكىل جەھەتتىكى نەرسىلا خالاس" دەپ كۆرسەتتى.

ياڭ ئەپەندى يەنە ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى 2 - مەسىلە ئىقتىسادى مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ يەردىكى مەسىلە بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئىقتىساد يامان ئەمەس مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادى تەرەققىيات كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزدىمۇ، دېگەن مەسىلىدۇر. بۈگۈن شىنجاڭنىڭ بايلىقى كىمنىڭ قولىدا ؟ مەن بۇ ھەقتىكى بەزى خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم، ھەممىسى ئىچكىرىلىك سودىگەرلەرنىڭ قولىدا ... شىنجاڭدىكى تەرەققىيات كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادى مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئەمەس،" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏ ‏- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"نى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتىپ، ۋەقەدە 200 گە يېقىن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە قولى بارلىقىنى رەت قىلىپ، ۋەقە جەريانىدا ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ خەيچۈەن خىتاينىڭ "جۇڭگو گېزىتى" گە بەرگەن باياناتىدا ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خام چوتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلىشىدىكى غەرىزىنى چۈشەندۈرۈپ، "شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىشتۇر" دېگەن. نۇر بەكرى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئوخشاش جىددىي ئەھۋالارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ياڭ لىيۇي خام چوتنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن رايوندىكى مەۋجۇت مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، "سىز باستۇرۇشقا تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلالامسىز؟ 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە باستۇرغانتىڭىزغۇ ؟ ئارمىيە ۋە تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ مەسىلە ھەل بولدىمۇ؟ سىزنىڭ باستۇرۇشقا تايىنىپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلايمەن دېگىنىڭىز، 'سۇنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتىمەن' دېگەنلىكتۇر. خۇ جىنتاۋ ئىناق جەمئىيەتنى تەشەببۇس قىلمىغانمىدى؟ ۋاڭ لېچۈەن نىمىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە بىرگە ياشاشقا قىزىقمايدۇ؟ ئارمىيە ۋە ج خ ئورگانلىرىغا تايىنىپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. سىز مەسىلە ھەل قىلىمەن دىسىڭىز، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشىڭىز كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا، "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى"نى ماقۇللاپ، كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كۆچمە نوپۇس ۋە ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرنى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش، يېزا - كەنتلەردە كىملىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ تور قوللىنىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، كۆچمە نوپۇس كىرگەن ۋە چىققان جايلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى. دائىرىلەر مەزكۇر نىزامنامە 2‏ - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، نىزامنامە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە زىچ چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، "بىر بىلەت بىلەن رەت قىلىش ھوقۇقى قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ياڭ لىيۈي، قاراتمىلىققا ئىگە بۇ تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :ئەگەر جۇڭگو كومپارتىيىسى ئىناق جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرىمەن دىسە، ئۇيغۇرلاردا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادى ساھەدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىلدۈرۈشى لازىم. ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كارخانىلىرىنى قۇرۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇلارنىڭ كارخانىلىرىغا تايىنىپ جان باقىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى سودىگەرلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك."

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خام چوتى ئۈستۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلىرىدە، خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا كۆپەيتىلگەن پۇلنى كىمنىڭ چىقىرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى چىقىرامدۇ ياكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەمىنلەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىلمىگەن.

ياڭ لىيۈي ئەپەندى بولسا، "شىنجاڭ"دا 3" خىل كۈچلەر"گە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، چۆنتىگىنى شۇنىڭ بىلەن تولدۇرىدىغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلاردا مەسىلىنى ھەل قىلىش خىيالى يوقلۇقىنى، ئۇلارنى تازىلاپ، ھوقۇقنى ئۇيغۇرلارغا بەرمەي تۇرۇپ مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.