بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى ئىلىم بىلەن ئەمەس، سىياسەت بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە تۇنجى قېتىم يولغا قويغان ئىلمىي پىكىر ئېلىش ياكى دېموكراتىك راي سىناش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
36 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يىللاردىن بۇيان قارشى چىقىپ كەلگەن ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن مۇھىم تېمىلار بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ "دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى" پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللانغان.
بۇ خىتاينىڭ 21 - ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى مائارىپ لايىھە پروگراممىسى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى 12 يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى دەپ قارالغان.
خىتاي بويىچە توققۇز ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون بۇ لايىھە نىشانىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ۋەتىنىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان. 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى" گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس يىغىنىنى ئېچىپ، بۇ خىزمەتنى باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى تۆت ماددىسى يەنىلا سىياسىي تۈس ئالغان. 1 - ماددىدا "ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىكى مائارىپ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي تەجرىبىلەر" تىلغا ئېلىنغان بولسا، 2 - ماددىسىدا "ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى" تىلغا ئېلىنغان. 3 - ماددىسىدا "ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى يۆنىلىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشانى" تىلغا ئېلىنغان بولسا، 5 - ماددىسىدا "ئەخلاق، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈلمە تەتقىقاتى،" تىلغا ئېلىنغان.
گەرچە بۇ ئۇقتۇرۇشتا ۋاڭ لېچۈەننىڭ كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىدىن پىكىر ئېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قارىتا پىكىر ئېلىش ئىشىغىمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك رامكا بەلگىلەپ بېرىلگەن.
نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسى چەتتە قالمىغان. ئۇقتۇرۇشنىڭ 9 - ماددىسىدا "قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى؛ 10 - ماددىسىدا بولسا "يەسلى مائارىپىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى" دېگەن ئىككى مۇھىم تېمىغا يەر بېرىلگەن. لېكىن، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، زىيالىيلىرىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ۋە "قوش تىللىق مائارىپ"قا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا پايدىسى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا "بىز بۇنىڭدىن بىر ئىجابىي نەتىجە چىقىشىغا ئىشەنمەيمىز" دېگەن سادالار ئەكىس ئەتمەكتە.
مائارىپ نازارىتى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ خەت ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى، تېلېفون نومۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان.