ئۇيغۇر خانىم: ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى جەھەتتە پەرقلىق مۇئامىلىگە دۇچار بولماقتا

ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي، ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە خىتايلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA File)

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن يوقىرى مەنپەتلەردىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقى، ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىي خانىم، قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.