0:00 / 0:00
9-ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۈئەن بېيجىڭدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، "بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇلارنىڭ خاھىشى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ" دېدى.
ئۇ،يەنە ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدلىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە 50 ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلاڭ. مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار خىتاي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى