مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، يەكشەنبە كۈنىدە يىراق - يىقىندىن كەلگەن يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيىسى ئىكەنلىكىنى، قەيەردە بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر ئۇيغۇرلاردا ھاياجان ۋە ئۈمىدنىڭ يوقالماسلىقىنى تەكىتلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ، ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن - كۈنگە تارىيىۋاتقان؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامان تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى سەپسەتىسى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئېچىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرى تارىخ، ئىقتىساد، تىبابەت، مۇھىت ئاسراش، ھويلا - ئارام مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىنى سۇندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە، ھەر يىلى بىر قېتىم تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00