خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەرگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
5-fibral-Namayishidiki-ghezep-305.jpg 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2012-يىلى 5-فېۋرال.
RFA/Pidaiy

رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ياشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ھەتتا بىر قىسىم پاسپورتى بار ئاتا-ئانىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىپ تامغا بېسىۋەتكەن. ئەمما بەزى ياشلار بۇنىڭدىن گاڭگىراپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۆۋەندىكىسى بىزگە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن ياشلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە بېرىپ تاقىلىدىغان نازۇك مەسىلە بولغاچقا، بۇ ئىشقا يولۇققان ياشلارنىڭ كىملىكى ۋە ھازىر تۇرۇۋاتقان دۆلىتىنى ئاشكارىلىمىدۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھەر خىل پاراكەندىچىلىكلەرنى سالىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ھەر خىل ئىشلارغا مەجبۇرلايدىغانلىقى بۇرۇنمۇ كۆرۈنگەن مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ نۆۋەتلىك بۇ خىل پاراكەندىچىلىك بىر قەدەر غەلىتە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

رادىئومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە پاناھلىق ئىشلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 20 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەك دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئەمدى ئالغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزى ھەققىدە سوراق قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ئاز تېڭىرقاپ قالغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ، دادام ماڭا تېلېفون قىلىپ ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئىزدىگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىر كۈن سوراق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەلۋەتتە، تېلېفوننى ئاڭلايدۇ دەڭە، شۇڭا جىق گەپلەرنى قىلغىلى بولمىغاچقا مەنمۇ تازا ئۇقالمىدىم.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىدىكى پاسپورتىنى تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ ئاۋازىدىن سەل ئەنسىرەش تۇيغۇلىرىنى سەزگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ، پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ نەق مەيداندىلا ئۈستىگە تامغا بېسىۋەتكەننىڭ گېپى بار.

بۇ ئىشتىن تولۇق خەۋەردار ۋە بۇ ئىشقا يولۇققان كۆپىنچە بالىلارنى تونۇيدىغان يەنە بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە 20 بالا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: پەقەت مەن بىلىدىغانلىرىلا 20 گە يېتىدۇ. بەك جىق. قىزىق يېرى بۇ ئىشلار تەڭلا ۋاقىتتا دېگۈدەك يۈز بەردى دەڭە.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەرخىل ئاماللار بىلەن چەتئەلگە يول ئالغان بالىلار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچىدىن، بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى مەيلى بۇ ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قەيەردە بولمىسۇن ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلاردىن بالىلىرىنى سورىغان ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاپ كەتكەن.

بۇ ئىشقا يولۇققان يەنە بىر قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى دېگەن ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ پاسپورتىنى بىكار قىلىۋەتكەن ئىكەن.

بۇ ئىشقا يولۇققان يەنە بىر قىز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ، ساقچىلار ئۆيىدىكىلەرنى بىر كۈن دېگۈدەك ساقچىخانىغا ئەكىرىۋاپتۇ. ھەتتا چۈشلۈك تاماققىمۇ چىقارماپتۇ. ۋە ئۇلاردىن بالاڭنى دەرھال قايتۇرۇپ كەل، بولمىسا بالاڭ مەڭگۈ كېلەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ، دەپ تەھدىت ساپتۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن سەل بىئارام بولغانلىقىنى ۋە بۇ يىل 20-يانۋاردىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون ئۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بېشىغا كەلگەننى كۆرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بولىدىغان ئىشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. مەن ھازىر چەتئەلدە. ئاتا-ئانامنى ئىنشائاللا ھايات بولساملا بىر كۈنى كۆرۈرمەن. بۇلار كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن. بۇ ئىشتىن يەنە روھۇمنى چۈشۈرۈپ ئولتارغۇم يوق. ھەممە ئىشىمنى نورمال قىلىپ، پائالىيەتلەرگە نورمال قاتنىشىۋېرىمەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار يەنە بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى نامايىشقا چىققان ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئائىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ يەردە ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي يۈرىدىغان بالىلارمۇ بار ئىدى. بۇ نۆۋەت خىتايلار شۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ شۇنداق گەپلەرنى قىپتۇ.

ئىلگىرى رادىئومىزغا كەلگەن بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ ھەر خىل تەھدىتلەرنى سالغان. لېكىن، بۇ خىل تەدبىرلىرى كارغا كەلمىگەن خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.