بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ئىتالىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، پولشا ۋە تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلمىي خادىملار، ئوقۇتقۇچىلار، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلاردىن بولۇپ 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، كېيىن سايلام كومىتېتى تەسىس قىلىندى. يىغىننى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى خىزمەت دوكلاتى بەردى ۋە كونا باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئارقىدىن، دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىكىگە دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، رەئىسلىكىگە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئەخمەتجان پولات، ئابدۇل ئەزىز بەشتوغراق، مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار سايلاندى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا خالمۇرات ئالىمجان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئابلىمىت قاراخان سايلاندى.
خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009 - يىلى، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 9 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 2009 - يىلى ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان. ھازىر بۇ ئاكادېمىيىنىڭ تۈركىيە ئىچى - سىرتىدا 33 نەپەر ئەزاسى بار.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت باشلىقى ئابلىمىت قاراخان ۋە رەئىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.