قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىمى تۇغلۇقجان تالىپوف ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى

قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ئۈلۈش قوشقان پېشقەدەم ئالىملارنىڭ بىرى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور تۇغلۇقجان تالىپوف بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ 85 ياشلىق تەۋەللۇدىنى نىشانلاپ ئۆتمەكتە.

0:00 / 0:00

ھاياتىنىڭ 60 يىلدىن ئوشۇق قىسمىنى تىلشۇناسلىق ساھەسىگە سەرپ قىلغان تۇغلۇقجان ئونلىغان چوڭ-كىچىك ئىلمىي مونوگرافىيىلەرنىڭ، 300 دىن ئوشۇق ماقالىلەرنىڭ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئوقۇش دەرسلىكلىرىنىڭ ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. دۇنيانىڭ مەشھۇر تىلشۇناس ئالىملىرى تۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.