خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تۇنۇلۇشىنى خالىمايدۇ

2008 ‏ - يىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى "مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت مەھكىمىسى" تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرغان ۋە ئۇيغۇرلار بۇ يىلدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمىنىڭ شەرىپىگە ھەر خىل داغدۇغىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئىستىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى كۈتكىنىدەك بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى ئېغىز بولسىمۇ تەبرىككە ئېرىشەلمىگەن. پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان بىر بۈيۈك ئالىمنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدە قەدىر ‏ - قىممەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئېغىر زەربە بولغان. بەزى تورداشلار تور بەتلىرىدە پىكىر بايان قىلىپ،"مەھمۇت قەشقىرى مىللى بۆلگۈنچى ياكى تېررورچى ئەمەسقۇ، ئۇنى خاتىرىلەشكە يول قويماسلىق ئادەمنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،" دەيدۇ.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمما ئاۋازىنى رادىئودا ئاڭلىتىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى پىكىر بايان قىلىپ":جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز تېررىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدۇ - يۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ ياكى ئۇلارنىڭ دۇنيادا نام - ئاتاققا ئېرىشىشنى خالىمايدۇ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دەرىسلىك كىتابىدىن ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنى ئاساسەن قىسقارتىپ بولدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى تارىختىن بىخەۋەر قالدۇرۇپ، ئەجداتلىرىدىن غۇرورلىنىش تۇيغۇسىنى يوقىتىش. ئەسلى مەھمۇت قەشقىرىنى بۈيۈك ئالىم سۈپىتىدە تەبرىكلەش جۇڭگو ئۈچۈنمۇ شەرەپ ئىدى،" دەيدۇ.

مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر شەخىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ بۈيۈك ئالىمىنى تارىختىن بۇيان ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەپ كەلگەن ئىدى، مەسىلەن، مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە مەقبەرىسى جايلاشقان قەشقەر ئوپالدا ھەر يىلى نورۇز يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇشائىرىلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۈيۈك ئالىمنىڭ نامىغا ئاتالغان شېئىرلار نورۇز بۇلاققا تاشلىناتتى. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇرلار مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نامىدا ھەر خىل مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى، بىلىم يۇرتلىرىنى قۇرغان ئىدى. مەسىلەن 1932 - يىلى چۆچەكتە قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى قىزلار مەكتىپى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۇركىستان ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا گۈللەپ راۋاجلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەكتەپنى 50 - يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 80 - يىللاردا بىر قىسىم زىيالىيلار قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامىنى "مەھمۇت قەشقىرى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى" قىلىپ ئۆزگەرتىپ، مەكتەپ ئىچىگە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى چاغدا بۇ تەكلىپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور بەس - مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مۇمكىن بولمىغان تەقدىردىمۇ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى مەھمۇت قەشقىرى يۇرتىدىكى بىردىن ‏ - بىر ئالى بىلىم يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپ ئىچىدىكى كۈتۈپخانا ئالدىغا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق بۇ تەكلىپ مەكتەپ پارتكومى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئوقۇغۇچىلار قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

2008 - يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىش تەكلىپ لايىھىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇنغان بولۇپ، تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن مۇشۇ يىلنىڭ ئىچىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نامىغا بېغىشلانغان بىر قاتار خەلقئارالىق ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ،تېخى يېقىندىلا تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن "مەھمۇت قەشقىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى " ئاشۇ پىلاننىڭ بىرسىدۇر. گەرچە بۇ يىغىنغا بىر قىسم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىش سەپىرى ناھايىتى مۇشەققەتلىك بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تۈركىيىگە بېرىشقا يول قويماسلىقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇلار ئاران دېگەندە ئۆزلىرىنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئىگە بولالىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆز ۋەتىنىدە مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئىلىم ساھەسىنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن ئاخىرى يىغىننىڭ پۈتۈن چىقىمىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدىغان، ئەمما ئورنى ئۈرۈمچى ياكى قەشقەر بولماستىن، بەلكى بېيجىڭدا بولۇش ھەققىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىم بۇيىچە مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى يەنە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.