ئۇيغۇر مائارىپى ئاسمىنىدىكى قارا بۇلۇت

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆپ ساندا خىتايلار ئۇيغۇر مائارىپچىلار قوشۇنىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.

0:00 / 0:00

كىشىنى قورقۇتىدىغىنى، بۇ خىتايلارنىڭ ئىچىدە كۆپى تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جان بېقىش ئۈچۈن ئاقما نوپۇس سۈپىتىدە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈز تۇتۇشى ۋە خىتايلىشىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. مەيلى ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە بولسۇن، مەيلى مەمۇرى خادىم سۈپىتىدە بولسۇن، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ مائارىپىمىزدا يەر ئېلىشى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مائارىپىغىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ ئېغىر زىيانلارغا سالماقتا.

مەسىلەن، بۇ خىل كىشىلەر مەكتەپلەرگە ۋە مائارىپ تارماقلىرىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، ھېچقانداق تەجرىبىگە ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى مائارىپ ئارقىلىق قوغدايدىغان ئاڭغا ئىگە بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان ئۇششاق سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق مائارىپ يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۈرۈتۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

ئالايلۇق، مائارىپ قوشۇنىدا ئىلىمسىز خىتايلار پەيدا بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا مەكتەپلەردىن قوغلانغان.

ئۇندىن باشقا مائارىپ ئىستىلىغا ۋە قانۇن تۈزۈمگە خىلاپ ھالدا قىزلارغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئۇلارنى خورلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان.

يەنە كېلىپ، مەكتەپلەردە سىنىپ تاملىرىغا ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە تارىخىي شەخسلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئېسىشنى چەكلەش قاتارلىق بىمەنە سىياسەتلەرمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.

بۇ خىل ۋەزىيەت ئېغىرلىشىدىغان بولسا، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھالەت كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قانداق ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.