دولقۇن ئەيسا: ۋەتەن، مىللەتنى سۆيگەن ئادەملەرنى خەلق ئۇنتۇمايدۇ
2012.10.22
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن دۇنياۋى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت، قازان، ئالماتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن كۆپلىگەن تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە مەنسۇپ ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى دوكتورلار، پروفېسسورلار ۋە ئاكادېمىكلار بار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىلىم-پەن ۋە ئالىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قوشۇنى يېتىشىپ چىقىپ، كونا ئەۋلادلارنىڭ ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بېشىغا ھەر-خىل كۈلپەتلەر كەلدى.
1980-يىللاردىن كېيىنكى خىتاينىڭ يېڭى سىياسىي ئاتموسفېراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئىلىم-پېنىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى باشلاندى. 1980-90-يىللاردا ئىجتىمائىي-پەن ۋە تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر ساھە بويىچە كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىي، ئەخمەت زىيائىي، ئىمىن تۇرسۇن، ھاجى ياقۇپ يۈسۈپ، ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن، نىزامىدىن ھۈسەيىن ۋە باشقا بىر قىسىم پېشقەدەم ۋە ياش ئالىملار «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتاتقۇ بىلىك» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قايتا يورۇققا چىقاردى ھەمدە ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ بىر قىسىم ئالىملار كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللىي ساپانى ۋە مىللىي روھنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئوينىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەبىئىي پەن ساھەسىدە باشلامچى ئالىملارنىڭ بىرى، دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىدۇر. 1980-يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 80-يىللاردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رولى جۈملىدىن مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «ھاياتلىق ئالىمى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن مەرھۇم ئابباس بۇرھان ھايات ۋاقتىدا، «پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ 1978-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە 12 يىل رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ 1150 شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئىلمىي شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىگەن. ئابباس بۇرھان ئەپەندى يەنە، 1980-يىلىنىڭ بېشىدا «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنى، 1983-يىلى «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
مەرھۇم ئابباس بۇرھاننىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرىگە ئائىت ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا بىئولوگىيە كەسپى بويىچە 12 پارچە كىتاب يازغان. 300 پارچىدىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەشكە ھەسسە قوشقان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابباس بۇرھانمۇ خەلقىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن تۇرغۇن ئالماس قاتارلىقلارغا ئوخشاش قانچىلىغان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەت سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئابباس بۇرھان ئەينى زاماندا ئالىي مەكتەپلەردە قۇرۇلغان ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنى قوللىغان، قوغدىغان ۋە ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولغان. بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسا 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى نامايىشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازاسى بىلەن ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغاندا، ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۇنى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشقا تېرىشقان.