ئۇيغۇر ئالىملىرى تورباجىن قەدىمىي ئۇيغۇر شەھىرىدە

يېقىندا رۇسىيىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تەرخۇن كۆلى رايونىدىكى تورباجىن قەدىمىي ئۇيغۇر شەھەر قورغىنىدا خەلقئارالىق دالا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .

0:00 / 0:00

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاندىن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئالىمى ھەمدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيارەتچىلىرى قاتناشتى .

ئالمۇتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەزكۇر خەلقئارالىق دالا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان دوكتور ئابلىز ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر .