مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 28 ئورۇندا ئالتۇن كان بولۇپ، قېزىلىۋاتقان ئالتۇن كانلىرى 600 دىن ئاشىدىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئالتۇن كانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىگىدارچىلىقىدا بولغاندىن سىرت، زور بىر قىسمى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە قاراشلىق ئىكەن. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن قېزىلىۋاتقان بۇ ئالتۇنلار رايوندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان باشقا بايلىقلارغا ئوخشاشلا، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
2007-يىلدىن بۇيان خىتاي دۇنيا بويىچە ئالتۇن قېزىۋېلىشتا 1-ئورۇنغا ئۆتكەن. خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نەتىجىسىدە، 2010-يىلى خىتايدا ئالتۇن باھاسى 2009-يىلدىكىدىن 20% ئۆسكەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قېزىۋېلىنىدىغان ئالتۇننىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان. 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن مىقدارى 10.517 توننىغا يېتىپ، قېزىۋېلىنغان ئالتۇن مىقدارى 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 10 توننىدىن ئاشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەڭلىك مېتال شىركىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، رايوندىكى قېزىۋېلىشقا بولىدىغان ئالتۇن زاپاس مىقدارى 170 توننا دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، چۆچەك، ئالتاي، غۇلجا، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئالتۇنلار ئاساسلىق قېزىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 28 ئورۇندا ئالتۇن كان بولۇپ، قېزىلىۋاتقان ئالتۇن كانلىرى 600 دىن ئاشىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ ئالتۇن كانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەڭلىك مېتال شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغاندىن سىرت، زور بىر قىسمى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئالتۇن قېزىش قوراللىق ئەترىتىگە ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە قاراشلىق ئىكەن.
خىتاي قوراللىق قىسىم ئالتۇن قېزىش ئەترىتىنىڭ تور بېكىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتۇن قېزىش قوراللىق ئەترىتى دەپ ئاتالغان بۇ قىسىم، 1976-يىلى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەينىڭ ۋەسىيىتى بىلەن 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە قوشۇن باشلاپ كەلگەن خىتاي گېنېرالى ۋاڭ جىن تەرىپىدىن 1978-يىلى قۇرۇلغان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بۇ ئەترەت 32 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى 325 كان رايونىدىن قېزىۋېلىشقا بولىدىغان 2269 توننا ئالتۇن كان مەنبەسىنى تاپقان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتۇن قېزىش قوراللىق ئەترىتى تەرىپىدىن بۇ يىللاردا قېزىۋېلىنغان ئالتۇنلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن مىقدارى 10 توننىدىن ئاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇنلاردىن خۇشال بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە بارغانچە كۆپ قېزىلىۋاتقان ئالتۇنلارنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
قۇمۇلدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېكىتى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، رايوندىن قېزىلىۋاتقان بۇ ئالتۇنلار بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئاپەت بولماقتا ئىكەن. بۇ كىشى ئۆز بايانىدا بۇ زېمىندىن قېزىلىۋاتقان ئالتۇنلار رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان بۇ ئالتۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئېلشات ئەپەندى، رايوندا كۆپلەپ ئالتۇن قېزىش جەريانىدا دەريا-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى ئىشلىتىلىۋاتقىنى ئۈچۈن، ئالتۇن چايقاش مەشغۇلاتى رايوننىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى بۇلغاپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، رايوندىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا ھەر خىل كېسەللەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، رايوندىن ھەسسىلەپ قېزىلىۋاتقان ئالتۇنلارنىڭ، خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقان، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىغا ئوخشاشلا، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ، ئۆز بايلىقىغا ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇرلارنى «ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈۋالغان تىلەمچىلەر» گە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.