مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى "خىتاي ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشىنى داۋام قىلماقتا"

مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى 23 - ئىيۇل، ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازغا " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى" ئارتىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دەل شۇ مەزگىلدە يەنە، "دىيارىم" تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات، "شەبنەم" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نىجات ئازاد ۋە "سەلكىن" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نۇرئەلىلەرگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا بۆلۈمى خادىمى بوب دېيتز، بۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ سىياسىي جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى "ئەلۋەتتە بۇلارغا بېرىلگەن جازا بەك ئېغىر بولدى. ئۇلارغا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بېرىلدى. خىتايدا ژۇرنالىست ۋە باشقىلارغا بۇنداق جىنايەت ئارتىلسىلا، بىزگە بۇ بىر مەخپىي سىردەك ئۇچۇر بېرىدۇ. بىز شۇندىلا بۇنىڭ قانۇنىي سوت ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي سوت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز".

مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا ئېچىلغان. سوت، غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق، نىجات ئازادقا 10 يىللىق، دىلشات پەرھاتقا 5 يىللىق ۋە نۇرئەلىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

ھالبۇكى سوتنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئېچىلغانلىقى ياكى ئايرىم - ئايرىم ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

غەيرەت نىياز ئەسلى " شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خادىمى ۋە "ئۇيغۇربىز" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى. ئۇ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىغىمۇ " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش" جىنايىتى ئارتىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنىنىڭ قايسى ماددىلىرىغا خىلاپ قانداق كونكرېتنى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئاشكارىلانمىدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا " شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن بىر يىل ئۆتكەندىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشىنى داۋام قىلماقتا " دەپ كۆرسەتتى.

بۇب دېيتز ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ خىل جازا بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

بۇب دېيتز ئەپەندى "بىز بۇ بالىلارغا بېرىلگەن جازالارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇلار تور باشقۇرغۇچىلار ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدىن بەك ئەنسىرەيدۇ. بولۇپمۇ، بۇ بالىلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەر قانداق شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلاردىن تېخىمۇ بەكرەك ئەنسىرەيدۇ".

بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىسىنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى پۈتۈنلەي نامەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.