خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە قويۇۋاتقان تەلىپىگە قارىغاندا ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاياللار چۈمبىلىنى، ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، مىللىي ھەم دىنىي يۈسۈندىكى كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا زامانىۋى كىيىنگەندىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك «شىنجاڭ روھىغا ۋاكالەتلىك قىلالايدىغان گۈزەل ئاياللار» دىن بولىدىكەن. قەشقەر كوچىلىرىغا ئېسىلىۋاتقان «گۈزەل جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دېگەندەك بىمەنە لوزۇنكىلار بۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى.
خەلقئارادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ خادىمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم تۈنۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە بۇنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان ئېغىر مىللىي كەمسىتىشى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە مەدەنىيەت ھۇجۇمى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، زۇبەيرە خانىم بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ تېمىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.