يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بۈگۈن چۈشتە ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار 18-19-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى تارىخىي يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشماقچى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىنى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن زۇبەيرە خانىملار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نامىدىن سۆز قىلىپ، يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن، كۇرستا لېكسىيە بەرگەن پروفېسسور شەان روبېرتس ئەپەندىگە، ئەركىنلىك ئۆيى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشخانىسى مۇدىرى سۈي خانىمغا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسى ئاندراۋ سۋان ئەپەندىگە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسى مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندىگە، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۇلرىچ دەلىئۇخ ئەپەندىگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىگە، در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە رەخمەتنامە سۈپىتىدە خاتىرە بۇيۇملىرى بېرىلدى.
بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرگە رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن خاتىرە لوڭقىسى تەقدىم قىلىندى. ئارقىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلارغا كۇرسقا قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان كىنىشكا ۋە خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىلدى.
بىز يىغىننىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىلىرى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.