تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باش سېكرېتارى دۆلەت باغچېلى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوبۇل قىلدى

5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىغا كەلگەن خانىم-قىزلارنى 16-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باش سېكرېتارى دۆلەت باغچېلى قوبۇل قىلدى.

0:00 / 0:00

پارتىيىنىڭ مەركىزىدىكى يىغىن زالىدىكى بۇ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نامىدىن سېيىت تۈرمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، م ھ پ باش سېكرېتارى دۆلەت باغچېلىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باش سېكرېتارى دۆلەت باغچەلى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوبۇل قىلدى. 2012-يىلى 16-ئىيۇل، تۈركىيە.

ئارقىدىن م ھ پ باش سېكرېتارى دۆلەت باغچېلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ، بۇنداق بىر يىغىن ئاچقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر ئايال ۋەكىلنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلەلمەسلىكىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىغا، ئەگەر ئۇنىڭ پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە رابىيە قادىر خانىمنى ئۆزىنىڭ تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۇرس ئەھلىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.